• دوست تۇتۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 90 سائەت سەرپ قىلىش كېرەك

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-04 04:14
  • دوست تۇتۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 90 سائەت سەرپ قىلىش كېرەك

    كىچىك چىغىمىزدا دوست تۇتۇش ئۈچۈن پەقەت بىرگە ئوينىساقلا بولىتى، ئەمما چوڭ بولغاندىن كېيىن، دوست تۇتۇش بۇنچىۋالا ئاسان بولمايدىغان بولدى. ئامېرىكا كانزاس ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، قۇرامىغا يەتكەنلەر دوست تۇتۇش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىشى كېرەك ئىكەن. ناتۇنۇش كىشىدىن دوستلارغا ئايلىنىش ئۈچۈن تەخمىنەن 90 سائەت كېتىدىكەن، سىرداش دوستلارغا ئايلىنىش ئۈچۈن تەخمىنەن 200 سائەت كېتىدىكەن.

      تەتقىقاتچىلار يېرىم يىل ئىچىدە ياكى يېقىندا ئۆي كۆچكەنلەردىن 225 قۇرامىغا يەتكەننى، 112 ئىستۇدېنتنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ناتۇنۇشلار بىلەن تونۇشۇش جەريانىنى، ئالاقە قىلغان ۋاقتىنى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىش ئەھۋالىنى ئىگەللىگەن، تەتقىقاتچى ئۇلارنىڭ يېقىنلىق دەرىجىسىگە قاراپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى 4 دەرىجىگە ئايرىغان. تونۇشۇش، ئادەتتىكى دوست، دوست، سىرداش دوست. بىر دەرىجىدىن يەنە بىر دەرىجىگە يېتىشكە كېتىدىغان ۋاقىت مۆلچەرلەنگەن. تەتقىقاتچىلار ئەڭ يېڭى « جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ژۇرنىلى»غا چىقارغان ئىلمىي ماقالىدە مۇنداق دەپ يازغان. ئىككى ناتۇنۇش ئادەمنىڭ ئادەتتىكى دوستلاردىن بولۇشىغا 50 سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن. دوست بولۇش ئۈچۈن 90 سائەت، سىرداش دوستلاردىن بولۇش ئۈچۈن 200 سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن، يەنى « 80 سائەتتىن 100 سائەتكىچە بىرگە بولغاندا، ئادەتتىكى دوستلاردىن دوستقا ئايلىنىش نىسبىتى %50 كە يېتىدىكەن.

      ئامېرىكا « سودىغا يوشۇرۇنغان سىر» تور بېتىنىڭ ئىلمىي ماقالە يازغۇچى جېغرى خوئېرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىزمەت ئورۇنلىرىدا بىرگە بولغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنلىقى دوستلۇق بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن، « ئەگەر مۇناسىۋەت پەقەت خىزمەتتە توختاپ قالسا، دوستلۇققا ئۆزگىرىشى تەسكە توختايدىكەن. » خوئېر كىشىلەرنى ئەگەر خىزمەت ئورنىدا دوست تۇتاي دېسىڭىز خىزمەت ۋاقتىدىن سىرت باشقا چاغلاردىمۇ ئالاقە قىلىڭ، مەسىلەن خىزمەتدىشىڭىزنى ئۆيىڭىزگە مېھمان بولۇشقا چاقىرىڭ» دەپ تەۋسىيە قىلغان.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك