• تېخىمۇ گۈزەل بولاي دېسىڭىز بۇلارغا دىققەت قىلىڭ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-04 04:24
  • تېخىمۇ گۈزەل بولاي دېسىڭىز بۇلارغا دىققەت قىلىڭ

        چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: ئۇزۇن مەزگىل چاچنى بوغۇپ يۈرگەندە، بولۇپمۇ چاچنى چىڭ بوغقاندا ئاسانلا دائىرىلىك چاچ چۈشۈشى ياكى چاچ چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەر ئاياللارغا چاچنى ئاز بوغۇش، چاچ پاسونىنى ھەر خىل ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش تەكلىبىنى بەرگەن.
        پاچاقنى ئورۇقلىتىش: دېڭىز قوغاژايى (海苔) نىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن A، B1، B2، مېنېرال ماددا، تالا ماددىسى مول بولۇپ، ماددا ئالماشتۇرۇش، بەدەندىكى سۇنىڭ بەدەن سىرتىغا ھەيدىلىپ چىقىشىنى ئىگىرى سۈرۈپ، پاچاقنى ئىنچىكلىتىدۇ.
        قارا باش (黑头) نى تازىلاش: ئوخشاش نىسبەتتىكى قارا شېكەر بىلەن ھەسەلنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، بۇرۇنغا سۈرۈپ بىر نەچچە مىنۇت ئۇۋۇلاپ بەرگەندە (ھەپىتىدە ئىككى قېتىم) قارا باشلارنى تازىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
        چاچنى ئاسراش: چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن زەيتۇن مېيىنى چاچقا سۈرۈپ، 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتكەندە، زەخمىلەنگەن چاچلار ئەسلىگە كېلىدۇ.
        بەل ئورۇقلىتىش: قىزىل پۇرچاق بىلەن يۇمىلاق شال گۈرۈچىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇماچ ھالەتكە كەلگۈچە قاينىتىپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچىپ بەرسە بەل ئورۇقلايدۇ.
        ئورۇقلاش: قارا پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە لېتسىتىن بىلەن ساپونىن مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى رولى ئىنتايىن كۈچلۈك، بۇنىڭدىن سىرت، يەنە راك كېسىلى ۋە سېمىزلىكنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.
        لەۋ ئاسراش: لەۋ يېرىلىپ تېرىسى سويۇلۇپ كەتكەندە، ھوردىغان لۆڭگىنى لەۋگە يېقىپ بەرسە، لەۋ سىلىق ھالەتكە كېلىدۇ.
        پاخپايغان بۈدرە چاچنى تۈزەش: بۇ خىل چاچتىكىلەر تەركىبىدە ئۆرۈك مېغىزى بولغان چاچ ئاسراش مەلھىمى ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى ئۆرۈك مېغىزى جەۋھىرى زەخمىلەنگەن چاچلار ئارىسىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىپ، چاچنى  ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.


    يىرىك گۈرۈچ بىلەن ماينى سىرىش: يىرىك گۈرۈچنىڭ تەركىبىدە تۆرەلمە بىخ بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن ۋە تالا ماددىسى ئىنتايىن مول، دائىم يەپ بەرسە بەدەندىكى ماينى سىرىيدۇ.

       كەچلىك تاماقتا مېۋىنى كۆپ يەپ بەرسە ماي بەدەنگە يىغىلىپ قالىدۇ: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مېۋە ئېنېرگىيەسى تۆۋەن يېمەكلىك ھېسابلانمايدىكەن، بەك كۆپ يەۋەتكەندە قەنت مايغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن.

       موي چۈشۈرۈش مەلھىمىنى ئىشلىتىپ بولۇپ تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىك: موي چۈشۈرۈش مەلھىمىنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن خىمىيىۋىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئىشلەتكەندىن كېيىن بەدەن ئەتىرى ۋە ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى قاتارلىق تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا تېرىنى غىدىقلايدۇ.

       دائىم پەمىدۇر يەپ بەرسە ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: پەمىدۇرنىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى لىكوپېن بار بولۇپ، ھەر كۈنى 16 مىللىگىرام لىكوپېن ئىستېمال قىلغاندا ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلىنىشنىڭ ئېھتىماللىقىنى %40 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

       كاشتان يېسسىۋېلەك ئۇمىچىنى ئىچىپ تېرە خۇنۇكلۈك بىلەن خوشلىشىش: كاشتان تالنى ساغلام قىلىپ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، يېسسىۋېلەك مۇئەننەسنى قۇۋۋەتلەپ نەملىكنى ئاشۇرىدۇ، ئىككىسىنى بىللە يېسە تېرە ئاقىرىپ نۇرلىنىدۇ.

       تەر تۆشۈكچىلەرنى كىچىكلىتىش: كاشتاننىڭ ئىچكى مېۋە پوستىنى چىقىرىۋېلىپ، ئىزىپ ئاندىن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە چېپىپ بەرسە تەر تۆشۈكچىلەر كىچىكلەپ، تېرە چىڭىيىدۇ.

       تېرىنى ئاقارتىش: پەمىدۇر شىرنىسىگە مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يۈزگە چېپىپ 15 مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتسە تېرە ئاقىرىپ، يۇمران ھالەتكە كېلىدۇ.

       داغ-سەپكۈننى سۇسلىتىش: ئوخشاش نىسبەتتە زەيتۇن مېيى بىلەن ئالما سىركىسىنى يۈزگە تەكشى سۈرۈپ بەرسە، قارا پىگمېنتلارنىڭ تېرىگە چۆكۈشىنى ئازلىتىپ، ھەر خىل داغ-سەپكۈننى سۇسلىتىدۇ.

        كۈزدە ئاپتاپتىن ساقلىنىش: يىلانبېلىق (鳗鱼)، كامبالا بېلىقى (鲽鱼)، تەكىيە كاۋىسى، گۈل كاپوسكا قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە «ئاپتاپتىن ساقلاش ئوزۇقلۇق ماددىسى» بار بولۇپ، دائىم يەپ بەرسە تېرىنى ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

       يېمەكلىك ئارقىلىق تېرە قېرىشنى كېچىكتۈرۈش: قارا كۈنجۈتنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتا ۋە ۋىتامىن E بار بولۇپ، دائىم يەپ بەرسە تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.

       پەرداز سۈيى بىلەن تەر تۆشۈكچىلەرنى كىچىكلىتىش: يۈزنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ماينى تىزگىنلەش پەرداز سۈيىگە پەلتىگۈچنى چىلاپ ئاندىن يۈزنىڭ پىشانە ۋە بۇرۇن قىسمىغا 10 مىنۇت يېقىپ بەرسە ماينى سۈمۈرۈپ، تەر تۆشۈكچىلىرىنى كىچىكلىتىدۇ.

       تېرىنى ئاقارتىپ داغ-سەپكۈننى سۇسلىتىش: كۆك پۇرچاقنى كۆپ يەپ بەرسە داغ-سەپكۈننى سۇسلىتىدۇ، «ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دا خاتىرىلىنىشىچە، كۆك پۇرچاقنىڭ «كۆز ئەتراپىدىكى قارىلارنى يوقۇتۇپ، تېرىنى نۇرلاندۇرۇش» رولى بار ئىكەن.

       كوللاگېنلىق ئاقسىل تېرە قېرىشنى كېچىكتۈرەلمەيدۇ: كوللاگېنلىق ئاقسىلنى يېيىش ئارقىلىق پەقەت تېرىنىڭ نەملىك ساقلاش ئىقتىدارىنىلا يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، ئەمما تېرىنى تېگىدىن ياخشىلىغىلى بولمايدۇ.

       بۇرۇن ئۈستىدىكى «قارا باش»نى تازىلاش: مۇۋاپىق مىقداردا مەرۋايىت تالقىنى بىلەن سۇنى تەڭشەپ «قارا باش» بار ئورۇنغا تەكشى سۈرۈپ، 15 مىنۇت ئۇۋۇلاپ يۇيۇۋەتسە، «قارا باش»لار چىقىپ كېتىدۇ.

       بويۇننى ئاسراش: ئەتىرنى بىۋاسىتە بويۇنغا چېچىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئەتىر پارلانغاندا تېرىدىكى سۇمۇ قوشۇلۇپ پارلىنىپ، بۇيۇن تېرىسى قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ.

       يۈز چاپلاق: نەملىك ساقلاش يۈز چاپلىقىنى ھەر كۈنى چاپلاشقىمۇ بولىدۇ، ئەمما تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يۈز چاپلاقنى ھەپتىدە بىر، ئىككى قېتىم چاپلىسا كۇپايە.

       ئۆڭىنى ئۆزگەرتىش: ئۆڭى قارا كىشىلەر ۋىتامىن B يەپ بېرىش ئارقىلىق تېرە مېيىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تىزگىنلىسە، تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش ئارقىلىق قارا پىگمېنتلارنى ئازايتسا بولىدۇ.

       دانىخورەكنى داۋالاش: ھەر كۈنى قايناقسۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندىن سىرت، ھەسەلنى دانىخورەك ئىزى بار ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسە، دانىخورەك ئازلايدۇ.

       پاچاقنى ئورۇقلىتىش: قىزىل دېڭىز يۇسۇنى (紫菜) نىڭ تەركىبىدە تالالار ۋە مېنېرال ماددىلار مول بولۇپ، بەدەندىكى ئەخلەت ۋە يىغىلىپ قالغان سۇلارنى بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ، پاچاقنى ئورۇقلىتىدۇ.


    مەنبەسى :ts.cn




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك