• بالىلار 13 ياشتىن ئىلگىرى ئورۇقلىيالىسا، دىيابېت بولۇش خەۋپى نۆل بولىدىكەن

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-04 04:39
  • بالىلار 13 ياشتىن ئىلگىرى ئورۇقلىيالىسا، دىيابېت بولۇش خەۋپى نۆل بولىدىكەن

        ئادەم بەدىنى ئىنسۇلىندىن توغرا پايدىلىنالماي، يېمەكلىكنى ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇۋالغاندا، ھەرقانداق ياشتىكى ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بولىدۇ. ئەمما بالىلارنىڭ بۇ خەۋپتىن قۇتۇلۇش پۇرسىتى بار. يېقىندا دانىيە ئالىملىرى ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن بالىلارنىڭ 13 يېشىدا قايتىدىن ساغلام سەۋىيىگە قايتالايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن بالىلار 13 ياشتىن ئىلگىرى بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرەلىسە، ئۇلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن دىيابېت بولۇش نىسبىتى نۆل بولىدىكەن.

        دانىيە كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى 63 مىڭ دانىيەلىك ئەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش ۋە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى ساغلاملىق ئارخىپىنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغان. ئۇلار، يەتتە يېشىدا ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن، ئەمما 13 يېشىدىن بۇرۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرگەن بالىلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئەزەلدىن ئېشىپ كەتمىگەن بالىلار بىلەن ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «يېڭى ئېنگلاند تېببىي ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان.

        ئامېرىكا كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمىنىڭ مۇدىرى ستېۋېن دانئېللىس بۇنىڭغا قارىتا تەھلىل ئېلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: « ئادەم بەدىنىدىكى مۇسكۇل ۋە ئەزالار بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئىنسۇلىندىن تولۇق پايدىلىنالماي، نىسبەتەن كۈچلۈكرەك ئىنسۇلىن قارشىلىشچانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇڭا بۇ باسقۇچتىن بۇرۇن بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈش ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە».

        ھازىر بالىلاردىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ئىنتايىن ئېغىر مەسىلىگە ئايلاندى. ئامېرىكىدا %35 تىن ئارتۇق بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئارتىپ كەتكەن، يەر شارىدىكى بالىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتى %23  كە يەتكەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتى بالىلار سېمىزلىك تەتقىقات مۇتەخەسسىسى سىتېۋىن  گوت مارك مۇنداق دېدى: «بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بىزگە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى، ئاتا-ئانىلار 13 ياشقا كىرمىگەن بالىلىرىنىڭ ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلىپ، كەلگۈسىدە ئومۇم خەلقنىڭ دىيابېتنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەك».


    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك