• بورگۋارد BXi7 ئاپتوموبىلى بازارغا سېلىندى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-10 06:15
  • بورگۋارد BXi7 ئاپتوموبىلى بازارغا سېلىندى

    يېقىندا بورگۋارد ئاپتوموبىل ئورگان تەرەپ قارمىقىدىكى بورگۋارد BXi7 ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل تىپىنىڭ رەسمىي بازارغا سېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى، يېڭى ئاپتوموبىل بېنزىن ماتور نۇسخىسىدىكى بورگۋارد BX7 ئاساسىدا ياسالغان، تولۇقلىمىدىن بۇرۇنقى باھاسى: 358 مىڭ 800 يۈەندىن 378 مىڭ 800 يۈەنگىچە. ئورگان تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىش ھالىتىدىكى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 308 كىلومېتىر ئىكەن.

    ساپ توكلۇق نۇسخىدىكى BXi7 بىلەن بېنزىن نۇسخىدىكى BX7نى سېلىشتۇرغاندا، تاشقى قىياپەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىش چوڭ ئەمەس، ئالدى يۈزىگە يەنىلا تۈز شارقىراتما شەكلىدىكى ھاۋا كىرىش سالاسۇنى قوللىنىلغان، لېكىن قىسمەن كۆك رەڭلىك سىر قوشۇلۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك سالاھىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ساپ توكلۇق نۇسخىدىكى BXi7نىڭ ئالدى ئورالمىسى تېخىمۇ ئىستېرېئولۇق، قاتلاملىق تۇيغۇسى روشەن.


    يان تەرەپ بىلەن قۇيرۇق قىسمىغا كەلسەك ئومۇمىي جەھەتتىن بۇ ئىككى ئاپتوموبىلدا بەك چوڭ پەرق يوق. پەرقلىنىدىغان يېرى، چاق گەردىشى ئوخشاش ئەمەس، ئاپتوموبىل سول ياندىكى كەينى قىسمىغا تېز توك قاچىلاش، ئاستا توك قاچىلاش ئېغىزى قوشۇلغان.

    ئىچكى بېزەك جەھەتتە، ساپ توكلۇق نۇسخىدىكى BXi7 يەنىلا بېنزىن نۇسخىدىكى BX7 گە يېقىنلىشىدىغان لايىھە ئۇسلۇبى قوللىنىلغان، ئەمما ئورۇندۇق، ئوتتۇرا كونترول سۇپىسى تاختىسى قاتارلىق جايلارغا كۆك رەڭ قوشۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا، مېدىيا كۆرۈنمە يۈزى، سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكرانلىق پىرىبور قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىگە كۆك رەڭ قوللىنىلغان.


    يېڭى ئاپتوموبىل ئېلېكتىر ماتورىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 242 ئات كۈچى، تولغىنىش مومېنتى 390 نيۇتون مېتىر. ئورگان تەرەپنىڭ دېيىشىچە باتارېيە گۇرۇپپىسىنىڭ سىغىمى 49kW·h، ئۇنىۋېرسال ئىش ھالىتىدىكى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 308 كىلومېتىر، 0-100km/hغا تېزلىنىش ۋاقتى 7.9 سېكۇنت، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 195km/h. بىرلا ۋاقىتتا، يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسى ماسلاشتۇرۇلغان.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك