• تېڭشۈن ئورگان تەرەپ: QQ تاقالدى دېگەن ئۇچۇر پۈتۈنلەي پىتنە-پاسات

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-10 06:03
  • تېڭشۈن ئورگان تەرەپ: QQ تاقالدى دېگەن ئۇچۇر پۈتۈنلەي پىتنە-پاسات

    5-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ تېڭشۈن QQدا تۇيۇقسىز كەڭ كۆلەملىك كاشىلا كۆرۈلۈپ، PC نۇسخىسى بولسۇن ياكى يانفون نۇسخىسى بولسۇن ئۇچۇر يوللىغاندا يوللىغىلى بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن، ئۇچۇرنىڭ يېنىدا قىزىل رەڭلىك ئۈندەش بەلگىسى چىقىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۆججەت يولىغاندىمۇ سۈرئەت كۆرسەتكۈچى كۆرۈنمىگەن، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇچۇر ۋە ھۆججەت نورمال يوللىنىپ بولۇنغان. QQ ئورگان تەرەپ بۇنىڭغا ناھايىتى تېزلا ئىنكاس قايتۇرۇپ، كاشىلىنىڭ سەۋەبىنى تاپقانلىقىنى ھەمدە ئوڭشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما QQدىكى ئابۇنتلار كۆپ بولۇپ، كۆپلىگەن تورداشلار «ئەھۋالنى ئېنىق بىلمەي» تۇرۇپ، QQ تاقىلىپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ گۇمان قىلغان ھەمدە QQ تاقىلىپ قالدى، دەپ ئىغۋا تارقاتقان.

    بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغاندا پىتنە-پاساتتا مۇنداق دېيىلگەن: QQدا كۆپ مىقداردا ناچار ئۇچۇرلار تارقىلىپ، ياش ئۆسمۈرلەرگە قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان، ئەدلىيە ئىدارىسى ياش ئۆسمۈرلەرنى قوغداش قانۇنىنىڭ 36-ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىدە ئېنىق قىلىپ، ياش ئۆسمۈرلەرگە پىسخىكىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان دېتاللار قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، مۇناسىپ جازا بېرىلىدۇ، دېيىلگەن، تور باش ئىدارىسى رەسمىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ QQنى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى كېچە سائەت 12 دە رەسمىي تاقاشنى بۇيرۇدى.

    تېڭشۈن يېقىندا ئەڭ يېڭى ئورگان تەرەپ ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىپ، بۇ كاشىلىنىڭ سەۋەبى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە چۈشەنچە بەردى. 

    تېڭشۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 21:40 ئەتراپىدا بىر قىسىم مۇلازىمېتىر تەۋرىنىپ، قىسمەن ئابۇنتلار ئۇچۇر يوللىغاندىن كېيىن، قىزىل رەڭلىك ئۈندەش بەلگىسى چىقىۋالغان، ئەمما ئۇچۇر ئەمەلىيەتتە يوللىنىپ بولۇنغان. ئەڭ تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىدە بۇ مەسىلە شۇ كۈنى سائەت 23:14 مىنۇت ئۆتكەندە پۈتۈنلەي ئوڭشالغان بولۇپ، ئابۇنتلار نورمال پاراڭلىشالايدىغان بولغان. 

    «QQ تاقىلىدۇ» دېگەن ئىغۋاغا كەلسەك، تېڭشۈن مۇنداق بايانات ئېلان قىلدى: بۇ ئۇچۇر پۈتۈنلەي پىتنە-پاسات، كۆپچىلىك پىتنە-پاسات ئىشەنمەڭلار، تارقاتماڭلار. QQ كۆپچىلىككە يەنە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت مۇلازىمەت قىلىدۇ. 

    مەنبەسى :تېڭشۈن


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك