• 300 نەپەر ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى مېترو 1-لىنىيەسىگە چىقىپ كۆردى

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-10 06:01
  • 300 نەپەر ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى مېترو 1-لىنىيەسىگە چىقىپ كۆردى

    9-ماي، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مېترو 1-لىنىيەسى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بېكىتىدە 300 نەپەر شەھەر ئاھالىسى كۈتۈۋېلىندى، بۇ كىشىلەر ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بېكىتىگە كىرگەندىن كېيىن، كۆز ئالدىدىكى يېشىل رەڭ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، يېشىل تام ۋە تۈۋرۈكلەرنى بويلاپ يۇقىرىغا قارىغاندا، تورۇستا ساڭگىلاپ تۇرغان تال-تال يوپۇرماقلار ئارىسىدىن چىراق نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى.
    300 نەپەر ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى مېترو 1-لىنىيەسىگە چىقىپ كۆردى
      ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچىسى روڭمۇ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق گاۋ خانىم مۇنداق دېدى: «ئەتىياز پۇرىقى كۈچلۈك بوپتۇ، كىشىگە ئارامبەخش تۇيغۇ بېرىدىكەن، يېشىللىق مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسىنى كىشىلەرگە سىڭدۈرىدىكەن، مېترو بېكىتىنى بۇنداق چىرايلىق بولىدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن، بېكەتلەرنىڭ ئورنىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان بېكەت ئۇسلۇبىدا لايىھىلىسە بولىدىكەن.»
    300 نەپەر ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى مېترو 1-لىنىيەسىگە چىقىپ كۆردى(2)

      شۇ كۈنلۈك ھېس قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان 300 نەپەر شەھەر ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى رايون، ناھىيەلىرىدىكى مەھەللە (ئاھالە كومىتېتى) ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ، بىر قىسمى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش پائالىيىتى»دىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلار. پائالىيەت تەخمىنەن 30 مىنۇت داۋاملاشقان، 300 نەپەر شەھەر ئاھالىسى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بېكىتىدىن خەلقئارا ئايرودۇرۇمغا يېتىپ بېرىپ، يەنە ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بېكىتىگە قايتىپ كەلدى.

    300 نەپەر ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى مېترو 1-لىنىيەسىگە چىقىپ كۆردى(3)

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • لاتارىيەچى كۆكتات سېتىۋىلىپ ئاشقان پۇلغا لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ كاتتا مۇكاپاتغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيەچى ئۆيدىكىلىرىنىڭ «تۇغۇلغان كۈن» نۇمۇرى بىلەن نۇمۇر تاللاپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەتلىك لاتارىيەچى 300 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە كۈندىلىك خەۋەرى (5-ئاينىڭ 7-كۈنى)

    1970-01-01 08:00

  • تېڭشۈننىڭ يېڭى توخۇ يىيىش ئويۇنى ئۈچ كۈندە 95مىليون يۈەن پۇل تاپقان

    1970-01-01 08:00

  • خۇبېي ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى نازىرى موللاق ئاتتى

    1970-01-01 08:00

  • رىم بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رونالدو قارشى تەرەپ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ توپ كىرگۈزدى،ئىناۋەتسىز قىلىندى رىم2-يۇۋېىنتۇس 0 (ئىتالىيە بىرلەشمىسى36-ئايلانما)

    1970-01-01 08:00

  • ئانىلاربايرام مۇبارەك!«بال سەدەف»تە ئانىلار بايرىمى مەخسۇس فىلىم

    1970-01-01 08:00

  • ◁ئانىلار بايرىمىدا ئانىلىرىمىزنىڭ يۈرەك سۆزىگە قۇلاق سېلىپ قۇيۇڭ!

    1970-01-01 08:00