• بەش خىل ئادەتنى يېتىلدۈرگەنلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەقدىە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-11 11:06
  • بەش خىل ئادەتنى يېتىلدۈرگەنلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە بولىدۇ

    ساغلام تۇرمۇشنىڭ مۇھىملىقىنى توختىماي تەكىتلىسەكمۇ ئارتۇقچە بولمايدۇ. ئامېرىكا خارۋارد داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قۇرامىغا يەتكەنلەر بەش چوڭ ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرسە، ئۆمرىنى 10يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئۇزارتالايدىكەن.

      بۇ 5 چوڭ تۇرمۇش ئادىتى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن «تۆۋەن خېيىم-خەتەرلىك تۇرمۇش ئامىللىرى» دېيىلگەن، بۇ ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال ئادىتى، ھەر كۈنى 30 مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ يۇقىرى سىجىللىقتىكى قانۇنىيەتلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىش ئادىتى، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش (بەدەن سۈپەت كۆرسەتكۈچىنى 18.5دىن 24.9 غىچە كونترول قىلىش)، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىكتىن ئىبارەت بەش تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      خارۋارد داشۆسى جامائەت ساغلاملىقى شۆيۈەنىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ يېڭى بىر سان ئامېرىكا «دەۋرىي» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىسىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يۇقىرىقى 5 چوڭ تۇرمۇش ئادىتى كىشىلەرنىڭ ئۆمرىنى زور دەرىجىدە ئۇزارتىشىدا تولىمۇ مۇھىم ئىكەن. ھەتتا بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرنى داۋاملاشتۇرغاندىمۇ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ ئېففېكتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. ئەگەر بۇ بەش جەھەت ناھايىتى ياخشى كونترول قىلىنسا، ئۇنداقتا ئۆمۈرنى ئۇزارتىش مەقسىتىگە يېتىش مۇمكىن بولىدىكەن.

      سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 5 چوڭ ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ھەممىسى ھازىرلانغاندا، ئاياللار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 14 يىل ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدىكەن، ئەرلەر 12 يىل ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدىكەن. تەتقىقاتچىلار ئىككى تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى ئانالىز قىلغان، ئۇلار تەخمىنەن 79 مىڭ ئامېرىكىلىق قۇرامىغا يەتكەن ئايالنى 34 يىل، تەخمىنەن 44 مىڭ ئامېرىكىلىق قۇرامىغا يەتكەن ئەرنى 27 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن.

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك