• ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تاپاي دېسىڭىز ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلدىن ۋاز كېچىڭ

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-12 01:04
  • ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تاپاي دېسىڭىز ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلدىن ۋاز كېچىڭ

    سىز بەلكىم ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان ئەرلەر ئاياللارنى تېخىمۇ جەلپ قىلالايدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەشەمەتلىك پىكاپ ھەيدەش پەقەتلا بىر «تۇمان تەقدىر»نى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۆمۈرلۈك ھەمراھقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئەڭ ياخشىسى ئادەتتىكىدەك، ئىشلىتىشچان ئاپتوموبىل سېتىۋالغىنىڭىز ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدىكەن.

    دارۋېن تەدىرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىدە، توزنىڭ قاناتلىرىغا ئوخشاش مەۋجۇدلۇققا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغان ئالاھىدە كۆپتۈرۈۋېتىلگەن خاراكتېرى چوقۇم كۆپىيىشتىكى ئەۋزەللىكنى ئېلىپ كېلىدۇ، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ تەبئىي تاللىنىشتا يېڭىپ چىقىشىغا ياردەم قىلىدۇ، دېگەن. 

    بىراق بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەشتەك خۇسۇسىيەت ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمراھ تېپىشىغا پايدىلىق ئەمەس ئىكەن.

    ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تېپىشنى مەقسەت قىلغان ئەر-ئاياللار ھەمىشە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغانلاردىن يىراق تۇرىدىكەن. 

    تەتقىقاتقا كۆرستىلىشىچە، ھەشەمەتلىك پىكاپنىڭ باھاسى قىممەت، تاشقى كۆرۈنۈشى كۆركەم بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمراھ ئىزدەيدىغان ئەر، ئاياللار بۇنىڭدىن تەسىرلەنمەي ئەكسىچە، ھەشەمەتلىك پىكاپ ئىگىسىنى بىر قەدەر ئىشەنچىسىز يەنە كېلىپ شاللاق تىپتىن دەپ قارىشىدىكەن.

    ئەمەلىيەتتە، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، توي قىلىشنى ئويلايدىغان ئادەم ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلدىن ۋاز كېچىپ، «ئىشەنچىلىكرەك» ماشىنىنى تاللىشى كېرەك. 

    بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، خانىم-قىزلارنىڭ قارىشىچە، پورسچى Boxsterنى ھەيدەيدىغان كىشىلەرنىڭ تۇراقلىق ھېسسىيات مۇناسىۋىتىگە بولغان تەلىپى خوندا پىكاپى ھەيدەيدىغانلاردىن تۆۋەنرەك تۇرىدىكەن.

    بۇ تەتقىقاتنىڭ يازغۇچىسى، بۇففالو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى جېشىكا كىرۇگې: «ئۆتمۈشتە ئەرلەر ئۆزىدىكى بايلىقنى قانچىكى نامايەن قىلسا، خانىم-قىزلارنى جەلپ قىلالايدۇ، دەپ قارىلاتتى. چۈنكى ئۇلار ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ، كەلگۈسىدىكى ھەمراھى بولۇپمۇ، كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا بولغان مەبلەغ سېلىشنى ئىپادىلىگەن. بىراق بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ»، دېدى.

    خانىم-قىزلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئەرلەر تېخىمۇ بەكرەك بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق خانىم-قىزلارنىڭ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەرگە بولغان بىر تەرەپلىمە مۇھەببىتى ئۇنىڭ قايسى تىپتىكى مۇھەببەتكە ئىنتىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

    مەسىلەن، بىر ئايال «شەبنەم سۆيگۈ»گە ئىنتىلسە، ئۇنداقتا، ئۇ ئەرلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىراق بىر ئايال بالىسىنى ۋە ئۆزىنى باقالايدىغان مۇۋاپىق ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى ئىزدىمەكچى بولسا، ئۇ تېخىمۇ بەكرەك ئەر كىشىنىڭ بايلىقىنى مۇھىم دەپ بىلىدۇ. 

    بۇ يېڭى تۈرلۈك تەتقىقاتتا، پىسخىكشۇناسلار كىشىلەرنىڭ ئەرلەرنىڭ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشنى قانداق چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولدى. ئامېرىكىنىڭ بۇففالو ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن مىچگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 233 ئەر، ئايالنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىككى خىل ئوخشىمىغان سورۇندا ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى سۆزلەتكۈزدى.

    زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلار ئالدى بىلەن 20 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 170 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) ماشىنا سېتىۋالغان ئىككى ئەرنى تەسۋىرلەپ، ئاندىن بالىلارنى تەربىيەلەش تېخنىكىىسى، ئۇچرىشىش، مۇھەببەتلىشىش قىزىقىشى ۋە سېھىرىي كۈچى جەھەتتىكى بىر قانچە تەرەپلەردىن نومۇر قويدۇردى.

    بىرىنچى كۆرۈنۈشتە، «ئىقتىسادچىل دان»، ئۈنۈمى ۋە ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر قانچە يىل رېمونت قىلغىلى بولىدىغان يېڭى ماشىنىنى سېتىۋالدى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، «تەكەببۇر دەيۋىي» بىر ئىككىنچى قول ماشىنىنى سېتىۋېلىپ، پۇل خەجلەپ، سىرلىتىپ، تېخىمۇ يوغان ماشىنا چاقى ۋە كۈچلۈك ئاۋاز ياڭراتقۇ سىستېمىسىنى ئورناتتى. 

    نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھېسسىيات مۇناسىۋىتى جەھەتتىكى جەلپ قىلىش كۈچىدە «تەكەببۇر دەيۋىي» ئارانلا 43 نومۇرغا، «ئىقتىسادچىل دان» بولسا 67 نومۇرغا ئېرىشتى. (تولۇق نومۇر 80)

    تەتقىقاتچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان يەكۈندە مۇنداق دېيىلدى: بۇ ئەر كۆپ پۇل خەجلەپ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا، كىشىلەر ناھايىتى تەبئىيلا ماشىنا ئىگىسىنى بىر مەزگىللىك سۆلەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىر ئۆمۈرلۈك ۋەدىنى ياقتۇرمايدۇ، دەپ قارىشىدۇ. 

    مىچگان ئۇنىۋېرسېتىتىنىڭ دوكتورى دەنىيل: «تەكشۈرۈشكە قاتناشقان كىشىلەر ناھايىتى تەبئىيلا سىرتقى كۆرۈنۈشى بەكلا ھەشەم نەرسىلەرگە مەبلەغ سالىدىغان ئەرلەر قىسقا مۇدەتتىلىك مۇناسىۋەتكە بەكرەك قىزىقىدۇ، ئىشلىتىشچان، باھاسى مۇۋاپىق ماشىنا سېتىۋالىدىغان ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇزۇنغا سوزۇلغان، تۇراقلىق مۇھەببەتكە ئانچە قىزىقمايدۇ دەپ قارىدى»، دېدى.

    تەتقىقات نەتىجسىىنىڭ ئاپتورى بولغان بىر جۈپ ئەر-ئايال ماشىنا ھەيدەش يولىدا بۇ تەتقىقاتنىڭ باش تېمىسىنى ئويلىغان.

    دەنىيل: «بىز بىر شەھەرنىڭ قەدىمكى رايونىدا تۇرىمىز، ئەتراپتىكى بىر دۇكاندا غايەت زور يوغان ماشىنا چاقىنى ساتىدۇ، بۇ ماشىنا چاقى دېرىزىگە ئېسىپ قويۇلغان»، «ئەنە شۇ دەل تەتقىقاتنىڭ ئىجادىيەت مەنبەسى»، دېدى.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك