• يۈرەك ئۈچۈن جەڭ: 2018-يىلى دۇنيا ئىس-تۈتەكسىز كۈنى يېتىپ كەلدى

  • يوللىغۇچى : ئەزىزە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-16 12:31
  • يۈرەك ئۈچۈن جەڭ: 2018-يىلى دۇنيا ئىس-تۈتەكسىز كۈنى يېتىپ كەلدى

    ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى «دۇنيا ئىس-تۈتەكسىز كۈنى» بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر 30 يىللىق تارىخقا ئىگە.
    بۇ يىل دۇنيا ئىس-تۈتەكسىز كۈنى «تاماكا ۋە يۈرەك كېسىلى» نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاممىغا تاماكىنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ، ھەمدە كۆپچىلىكنى تاماكىدىن يىراق تۇرۇپ، ساغلام تۇرمۇشنى تاللاشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ.

    يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم نىسبىتى دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق ئۆلۈش سەۋەبىدىن كۆپ؛ جۇڭگودا، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم، ئۆلگەنلەر ئومۇمىي سانىنىڭ % 40 ىنى ئىگىلەيدۇ. بەلكىم بىزنىڭ ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر تاماكا چېكىشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشى مۇمكىن، ئەمما سىز، تاماكا چېكىشنىڭ يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەمسىز؟
    ئەمەلىيەتتە، تاماكا يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىككىنچى چوڭ كېسەللىك سەۋەبى بولۇپ، قان-تومۇر ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ ھەمدە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش، سەكتە، ئەتراپ قان تومۇر كېسىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرىدۇ. تاماكا ئىشلىتىش ۋە ئىككىلەمچى تاماكا كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش سانى يەر شارى بويىچە بۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەر ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن %12 نى ئىگىلەيدۇ. شۈبھىسىزكى، تاماكا ساغلاملىقنى ۋەيران قىلىدۇ!

    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى گاۋ لى دوكتۇر مۇنداق دەيدۇ:

    «ھەر يىلى جۇڭگودا بىر مىليوندىن كۆپرەك كىشى تاماكا سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ، 100 مىڭ ئادەم ئىككىلەمچى تاماكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتتە، ھەر سېكۇنتتا بىر ئادەم تاماكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەل بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئەگەر بىز ھېچقانداق ئىش قىلماي، تاماكىنىڭ تارقىلىشىنى، يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى توسمىساق، بۇ سان كەلگۈسىدە يەنە داۋاملىق ئۆرلەيدۇ.»

    يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۇقىرى پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە تاماكا ئېلىپ كەلگەن كېسەللىك بېسىمى ئالدىدا، بىز چوقۇم ھازىرلا ھەرىكەتكە كىلىشىمىز كېرەك! بەك كۆپ ھاياتلىق بۇرۇنلا ئاخىرلاشتى، بەك كۆپ ھاياتلىقنى ئەسلىدە تاماكا چېكىشنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق قوغدىغىلى بولاتتى. 
    جۇڭگودىكى بىرىنچى سەپتىكى تۆت شەھەر ئىچىدە، ئۈچ شەھەر، يەنى بېيجىڭ ، شاڭخەي ۋە شېنجېن، ھازىر %100 تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش نىزامى چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئىككىلەمچى تاماكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنى ئومۇميۈزلۈك قوغدىغان. باشقا شەھەرلەرمۇ، شىئەن ۋە خاڭجۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۈزىتىش ئېلىپ بارغان ياكى ئىس-تۈتەكسىز قانۇنى چىقارغان. بىراق، پەقەت ئىس-تۈتەكسىز قانۇنى چىقىرىپ ئۆي ئىچىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى %100 ئومۇمىيۈزلۈك مەنئىي قىلىشنى ئېنىق بەلگىلەپ، يوچۇق يوق، ھەم كۈچلۈك قانۇن ئىجرا قىلىشقا تايانغاندىلا، ئاندىن بۇ شەھەرلەردە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ئىككىنچى قول تاماكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

    «چوڭ شەھەرلەردە ياشايدىغان شەھەر ئاھالىلىرىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق جۇڭگو خەلقى ئىس-تۈتەكسىز قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىشى كېرەك، ئەگەر جۇڭگو مەملىكەت بويىچە ھېچقانداق يوچۇق يوق ئىس-تۈتەكسىز قانۇنى چىقارمىسا، جۇڭگو خەلقى داۋاملىق بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك. نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ يەنىلا تاماكا چېكىش ئېلىپ كەلگەن تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادىي يۈكىگە بەرداشلىق بېرىشىگە، تاماكا سەۋەبىدىن يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئائىلىلىكلەرنى بېقىشىغا توغرا كېلىدۇ.»
    گاۋ لى دوكتۇر 
    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى

    مەنبەسى :تېڭشۈن تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك