• زىدانى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توققۇز توپچىنى بېكىتىپ بولدى

  • يوللىغۇچى : ئەركىن
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-16 12:10
  • زىدانى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توققۇز توپچىنى بېكىتىپ بولدى


    ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىغا ئاز قالغانسىرى، كىشىلەر زىدانىغا دىققەت قىلىشنى باشلىدى، مەستانىلەرمۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇنىڭ قايسى توپچىلارنى مەيدانغا چىقىرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا. چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى خانلىق مادرىدنىڭ بۇ پەسىللىك ئەڭ مۇھىم مۇسابىقىسى، «ئا س گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زىدانى ئاساسلىق قىلىپ مەيدانغا چىقىرىدىغان توققۇز توپچىنى بېكىتىپ بولغان، بىراق يەنە ئىككى توپچىنى تېخى بېكىتمىگەن، شۇڭا بۇ ئىككى ئورۇننى بەش توپچى تالىشىدۇ.

    بۇ توققۇز توپچى بولسا بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەردە داۋاملىق ئاساسلىق بولىۋاتقان توپچىلار، يەنى ناۋاس، كارۋاخال، راموس، ۋارانې، مارسېلو، كاسمېرو، مودرىچ، كروس ۋە رونالدو. بۇ توپچىلارنىڭ ئاساسلىق ئەزا بولىدىغانلىقى مۇقىملىشىپ بولدى، بىراق قانداق تاكتىكا ئىشلىتىش يەنىلا زىدانىغا باغلىق.

    قالغان ئىككى ئورۇننى تالىشىدىغان بەش توپچىنىڭ ئىچىدىكى ئىسكو بىلەن ئاسېنسىئونىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى شۇنداقلا ياش، بېنزېما بىلەن بېلنىڭ تەجرىبىسى مول، ۋاسكېزنىڭ بولسا ئىپادىسى تۇراقلىق. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسكو بىلەن ئاسېنسىئو توپ ئېلىپ مېڭىپ ناھايىتى ياخشى ماسلىشالايدۇ، بېل بىلەن بېنزېما بولسا كوماندىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. بېلنىڭ ئىپادىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلۈشى ۋە زىدانىنىڭ بېنزېماغا بولغان ئىشەنچىسىگە قارىغاندا، زىدانى 433 سەپ شەكلىنى ئىشلىتىپ، BBC ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى قايتا ئىشلىتىشى مۇمكىن.

    بىراق ۋاسكېزنىڭ بۇ پەسىللىك ئىلگىرلىشى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، ئۇ ھۇجۇمغا قاتناشقاندا كوماندىنىڭ ھۇجۇم كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، كوماندىنىڭ مۇداپىئە سېپىگە كۆپ ياردەم قىلدى، شۇڭا زىدانى بىر ھۇجۇمچى ئىشلىتىدىغان 442 سەپ شەكلىنى ئىشلىتىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر 442 سەپ شەكلىنى ئىشلەتسە ئىسكو بىلەن ئاسېنسىئوغا پۇرسەت كېلىدۇ. «ئا س گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زىدانى بەلكىم بېل بىلەن بېنزېمانىڭ بىرسىنى، شۇنداقلا ئاسېنسىئو بىلەن ئىسكونىڭ بىرسىنى تاللاپ مەيدانغا چىقىرىشى مۇمكىن.

    مەنبەسى :تېڭشۈن nur.cnتەرجىمىسى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك