• مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئىسپانىيە بوكس تەكلىپلىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-16 12:49
  • مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئىسپانىيە بوكس تەكلىپلىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشتى

    ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن ماھىر مەمەتتۇرسۇن چوڭ (سولدا) تىرېنېرى بىلەن بىللە.

     ئالتە كۈنلۈك كەسكىن رىقابەتتىن كېيىن، 2018-يىللىق ئىسپانىيە خەلقئارالىق ئاشكارا بوكس مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاخىرلاشتى. ئېلىمىز بوكس كوماندىسى 3 ئالتۇن 3 كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈردى، كوماندىدىكى شىنجاڭلىق ماھىر مەمەتتۇرسۇن چوڭ 69 كىلوگراملىقلار تۈرى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

       تۆت كۈچلۈك ماھىرنى يەڭگەن مەمەتتۇرسۇن ئاخىرىدا ئەڭ ئېگىز مۇكاپاتلىنىش سۇپىسىغا چىقتى، مۇسابىقىدىن كېيىن، مەمەتتۇرسۇن چوڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغىنىدا خۇشاللىقىنى يوشۇرالمىدى.
        «تىرېنېرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن، دۆلەت كوماندىسىدا ئالتە ئاي كوللېكتىپ مەشىق قىلغىنىمغا رەھمەت ئېيتىمەن، كەسپىي تەنھەرىكەت ماھىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەر مەيدان مۇسابىقە، ھەر بىر ماھىرنى بوش چاغلىمىدىم، دىققىتىمنى يىغدىم، پۇرسەت ھامىنى تەييارلىقى پۈتكەنلەرگە تەۋە» دېدى مەمەتتۇرسۇن چوڭ، ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بوشاشماي تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
        جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ئابدۇشۈكۈر مىجىت بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە شىنجاڭدىن ئىككى ماھىر قاتناشقانلىقىنى، 22 ياشلىق توختاربېك تاڭلاتقان 75 كىلوگراملىقلار تۈرىگە قاتناشقانلىقىنى، بىراق، خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش تەجرىبىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، بىرىنچى مەيداندىلا فىرانسىيەلىك ماھىرغا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېيتتى ۋە 2008-يىلىدىن 2012-يىلغىچە بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ پېشقەدەم تەنھەرىكەت ماھىرىلىق رولىنى ئويناپ، مۇسابىقىلەرگە ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە بولۇپ، ئالتۇن مېدال ئالغانلىقىنى ئېيتتى.
        ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ئىسپانىيە خەلقئارالىق بوكس تەكلىپلىك مۇسابىقىسىگە 15 دۆلەتتىن ماھىرلار كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، ھەممىسى بوكس تۈرىدىكى قابىللار ئىكەن. ئېلىمىز بوكس كوماندىسى بولسا ئاسىيادىن قاتناشقان بىردىنبىر كوماندا بولۇپ، جەمئىي 8 ماھىر بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك