• بۇ تۆت خىل دائىملىق ئادىتى بار ئەرلەر بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-20 12:35
  • بۇ تۆت خىل دائىملىق ئادىتى بار ئەرلەر بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن

    ھەممەيلەن بىلىدۇ بالىلىق بولۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى تۆرەلمە ھاسىل بولۇش، شۇڭلاشقا ھامىلدار بولۇش پەقەت ئايال تەرەپنىڭلا ئىشى ئەمەس، تۇغماسلىق پەقەت ئاياللاردىلا كۆرىلىدىغان كېسەللىك بولماستىن، بەلكى ئەرلەردىمۇ كۆرىلىدۇ، ئەرلەردىكى تۇغماسلىق دېگىنىمىز ئەرلەردىكى ئىسپېرما سانىنىڭ ئاز بولىشى، ئاكتىپچانلىقىنىڭ تۆۋەن بولىشى، شۇ سەۋەپتىن ئايال كىشىنىڭ تۇخۇمى بىلەن نورمال ئۇرۇقلىنالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئەرلەر دائىم تۆۋەندىكى تۆت ئىشنى قىلغاندا تۇغماس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ تۆت خىل ئادەت سىزدىمۇ بارمۇ ؟

    1.ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق

    شوپۇر، ئاق ياقىلىق ئەرلەر خىزمەت سەۋەبىدىن كۈن-كۈنلەپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ، ئاساسى جەھەتتىن ھەرىكەت قىلمايدۇ، بۇنداق ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمايدىغان ئەرلەر ئاسانلا سەمىرىپ قورساق سېلىپ كىتىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق ئەرلىك جىنسىي ئەزايىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى يۇقىرلىتىۋېتىپ ئىسپېرما سانى ۋە ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭلاشقا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار بەلگىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى لازىم.

    2. جىنسىي مۇناسۋەت قېتىم سانى كۆپ بولۇش

    نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە «تىرىشىپ يەر تېرىسىلا چوقۇم ئۇرۇق بىخلايدۇ» دېگەن خاتا قاراش بار، بۇنداق قاراش بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ قىلىش دەل ئەكسىچە نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئىسپېرمىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە 90 كۈن كېتىدىغان بولۇپ، ھەددىدىن زىيادە كۆپ قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئىسپېرما سانىنى شىددەت بىلەن كېمەيتىۋېتىدۇ شۇنىڭ بىلەن ھامىلدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    3. تاماكا چېكىش، تۈنەش

    مەسئۇلىيەتچانلىقى يۇقىرى ئەرلەر بالىلىق بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان چاغدا تاماكا تاشلايدۇ، ھاراقمۇ ئىچمەيدۇ، ياخشى ئارام ئېلىپ ئۆزىنى كۈتۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، چۈنكى تاماكا تەركىبىدىكى نىكولۇن ئىسپېرمىنى ئۆلتۈرىدىغان بولۇپ، ھەتتا ئىسپېرمىنىڭ غەلىتە بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، ھاراق ئىچىش ۋە ئۇزۇن ۋاقىت تۈنەشمۇ ئىسپېرمىنى ئۆلتۈرۋېتىدۇ، شۇڭا ئادەتتە تۇرمۇش ئادىتى ياخشى ئەمەس ئەرلەر بالىلىق بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتتا تۇرمۇش ئادىتىگە دىققەت قىلىش، ھاراق تاماكىنى تاشلاش، ئارام ئېلىش ئادىتىگە دىققەت قىلىش لازىم.

    4. رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش

    نۇرغۇنلىغان ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تېلېفون ئوينايدىغان ئادىتىنى تاشلايدۇ، خىزمەت قىلغاندىمۇ رادىياتسىيەدىنئۆزىنى قوغدايدۇ، چۈنكى رادىياتسىيە بوۋاقنىڭ غەيرى تۇغۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇزۇن ۋاقىت كومپىيۇتېر قاتارلىق رادىياتسىيە تارقىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئەرلەرنىڭ بالىلىق بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ.

    يولدىشىڭىزدا يۇقىرىقى ئادەتلەر بارمىكەن ؟ ئەرگەر بار بولسا ئۇنىڭ بۇ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم قىلىڭ، بارلىق بىر-جۈپلەرنىڭ ئوماق پەرزەنتىلىك بولىشىغا تىلەكداشمىز.

    مەنبەسى :تېڭشۈن nur.cnتەرجىمىسى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك