• ئۈرۈمچىدە 5-ئاينىڭ 22-كۈنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃24 بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : مەمەتجان
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-22 02:46
  • ئۈرۈمچىدە 5-ئاينىڭ 22-كۈنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃24 بولىدۇ

    5-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردە، بىر قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە يامغۇر يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى. شۇ كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۈشەنبە، يەنى 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا بارا-بارا ئۆرلەشكە باشلايدىكەن.  مۆلچەرلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ 22-كۈنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃24 بولىدىكەن.
      مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدىن ياغقان يامغۇر 5-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 05:00لەر ئەتراپىدىن باشلاپ ياغقان بولۇپ، ئەتىگەن سائەت 8:00دىن كېيىن توختاپ، يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى 0.9 مىللىمېتىرغا يېتىپ، ئازراق يامغۇر دەرىجىسىگە يەتكەن. گەرچە ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز بولسىمۇ، ئەمما تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى كۆرۈنەرلىك بولغان.
      ئەمەلىي ئەھۋال قانداق بولغان؟ بۇنىڭغا قارىتا مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتىگەن سائەت 08:00دە ℃5.5 بولغانلىقىنى دەلىلىگەن. مۇشۇ سەۋەبتىن شەھەر ئاھالىلىرى باشقىچە سوغۇق ھېس قىلغان، بىر تەرەپتىن يامغۇردىن كېيىنكى سوغۇق سېزىمى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى ئاستا بولۇپ، ئەتىگەن سائەت 09:00دىن 11:00گىچە ℃7 بىلەن ℃6 ئارلىقىدا بولغان، تاكى سائەت 14:00دىن كېيىن بۇ بىر كۈندىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃10.8 بولغان.
      بۈگۈن 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى «شىياۋمەن(小满)» مەۋسۇمى. شىياۋمەن مەۋسۇمىنىڭ يېتىپ كېلىشى ياز پەسلىنىڭ يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
      5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ 23-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھەر رايونى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، ئۇدا ئۈچ كۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ 22- ۋە 23-كۈنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئايرىم ھالدا ℃24 ۋە ℃25 بولىدىكەن. ئەمما، تېمپېراتۇرىنىڭ ئەمدىلا ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى يەنە بىر قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلىدىكەن.
      پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدىن قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، بىر قىسىم دائىرىلەردە ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر يېغىپ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىدا 5~4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىپ، قىسىمەن جايلاردا چاڭ-توزانلىق ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

    مەنبەسى :شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك