• تولىنىڭ كىشىنى لال قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرىسى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-23 04:50
  • تولىنىڭ كىشىنى لال قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرىسى

      تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: تولىغا كېلىپ بارلۇق تېغىنىڭ ھەيۋەت قەددى بىلەن ئۇچرىشىپ، مايلى يايلىقىدا كەڭ تەبىئەتنى باغاشلاپ، قاراباستاۋنىڭ بۇلاق سۈيىگە ئېغىز تېگىپ، ساز كۆلى بويىنى سەيلە قىلغاچ خىيال سۈرۈش، كىگىز ئۆيلەردە مېھمان بولۇپ، قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن تونۇشۇش تولىمۇ ھۇزۇرلۇق بىر ئىش. كەچكى شەپەق نۇرى ئەتراپقا يېيىلغاندا مورىلىرىدىن ئىس كۆتۈرۈلگەن كىگىز ئۆيلەردىن دومبۇرانىڭ مۇڭلۇق كۈيى ياڭراپ، مېھماندوست قازاق مىللىتى قارايورغا كۈيىگە جۆر بولىدۇ.

        كىشىگە ئازادىلىك بېغىشلايدىغان بۇ مۇھىتتا بىر پىيالە قىمىزغا ئېغىز تەگكەچ، تولىمۇ بەختلىك گۈزەل تۇرمۇشنى ھېس قىلالايسىز.

      (سۈرەتلەرنى تولى ناھىيەلىك فوتوگرافلار جەمئىيىتى تەمىنلىگەن)

    مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك