• خانلىق مادىرىد ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ياۋرۇپا بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى(جەۋھەرفىلىم)

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-27 07:50
  • خانلىق مادىرىد ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ياۋرۇپا بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى(جەۋھەرفىلىم)


     مۇسابىقىنىڭ ئەلكۈيى تورى تارقاتقان 4سائەتلىك بىۋاستە تارقىتىشنىڭ جەۋھەر قىسمى 

    (تولۇق قىسمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەلكۈيى سالونىدىن كۆرسىڭىز بۇلىدۇ)

    ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى مەخسۇس فىلىمى : بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەر سائەت 2:45 ئۆتكەندە،  2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋ شەھرىدىكى ئولىمپىك توپ مەيدانىدا باشلاندى،ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىش شەكلىدە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈپ 4سائەتكە يېقىن بىۋاستە تارقىتىش ئېلىپ باردى.

    مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن لىۋېرپول كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ كەسكىن ئېلىشتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 30 مىنۇت بولغاندا، لىۋېرپول كوماندىسىنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى سالاھ يارىلىنىش سەۋەپلىك مەيداندىن ئالماشتۇرىۋىتىلدى، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئوڭ يان بېكى كارۋاخالمۇ يارىلىنىش تۈپەيلى مەيداندىن ئالماشتۇرىۋىتىلدى، بېنزېما بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىناۋەتسىز قىلىندى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، بېنزېما قاپقىچىنىڭ ئەجەللىك سەۋەنلىكى بىلەن بىر توپ كىرگۈزدى، لىۋېرپول كوماندىسىدىن مانې بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، زاپاس ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشكەن بېل، تەتۈر ئىلمەك توپتىن بىرنى تېپىپ كىرگۈزدى، كەينىدىن بېل يىراقتىن يەنە بىر توپ كىرگۈزدى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد كوماندىسى 1:3 نەتىجە بىلەن لىۋېرپول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.









    مۇسابىقە باشلىنىپلا لىۋېرپول كوماندىسى ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتۈپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى.

    سەككىز مىنۇت بولغاندا، لىۋېرپول كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، چەكلەنگەن رايون ئىچىدە خەتەرلىك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولسىمۇ، قاپقىچى ناۋاس چاققانلىق بىلەن توپنى تۇتۇۋالدى.

    11 مىنۇت بولغاندا، خانلىق مادرىد كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، مارسېلونىڭ چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن قاپقىغا تەپكەن توپى قاپقا يېنىدىن سىرتقا چىقىپ كەتتى.

    15 مىنۇت بولغاندا، خانلىق مادرىد كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، رونالدونىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ئوڭ تەرەپتىن قاپقىغا تەپكەن توپى ئازراقلا ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى.

    23 مىنۇت بولغاندا، لىۋېرپول كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئارنولدنىڭ رونالدونىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ئوڭ تەرەپتىن قاپقىغا تەپكەن توپىنى ناۋاس تۇتۇۋالدى.

    43 مىنۇت بولغاندا، خانلىق مادرىد كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئىسكونىڭ پاس بېرىشى بىلەن رونالدونىڭ يېقىن ئارىلىقتىن قاپقىغا ئۈسكەن كاللا توپىنى قاپقىچى توستى، بېنزېما قايتقان توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رېپىر بېنزېمانى ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى.

    49 مىنۇت بولغاندا، خانلىق مادرىد كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، لىۋېرپول قاپقىچىسى كارىئۇس ئەجەللىك سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ، بېنزېما بىر توپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى خانلىق مادرىد 0:1 لىۋېرپول.

    54 مىنۇت بولغاندا، لىۋېرپول كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، لىۋېرپول كوماندىسى بۇلۇڭ توپ ئارقىلىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، مانې قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى خانلىق مادرىد 1:1 لىۋېرپول.

    64 مىنۇت بولغاندا، خانلىق مادرىد كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە قايتىدىن ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، خانلىق مادرىد كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، مارسېلونىڭ سول تەرەپتىن پاس بېرىشى بىلەن زاپاس ئەزالار قاتارىدا يېڭىدىن مەيدانغا چىققان بېل، تەتۈر ئىلمەك توپتىن بىرنى كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى خانلىق مادرىد 1:2 لىۋېرپول.



    83 مىنۇت بولغاندا، خانلىق مادرىد كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇقىملىدى، خانلىق مادرىد كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، مارسېلونىڭ يىراقتىن پاس بېرىشى بىلەن، بېل چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توپنى بىۋاستە قاپقىغا قارىتىپ تەپتى، قاپقىچى توپنى توسقان بولسىمۇ، ئەمما توپ يەنىلا قاپقىغا كىرىپ كەتتى، مەيدان نەتىجىسى خانلىق مادرىد 1:3 لىۋېرپول.




    كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ئۆزگۈرۈش بولمىدى، مەيداندا ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان لىۋېرپول كوماندىسى، سالاھنىڭ مەيداندىن ئايرىلىشى بىلەن ئىشەنگەن قاپقىچىسىنىڭ ئەجەللىك سەۋەنلىكى تۈپەيلى، كۇلۇب تارىخىدىكى ئالتىنچى «چوڭ قۇلاق لوڭقىسى»غا ئېرىشىشتىن مەھرۇم قالدى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد كوماندىسى 1:3 نەتىجە بىلەن لىۋېرپول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئۈچ نۆۋەت چېمپىيون بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك