• ھەپتە ئاخىرىدا كۆپرەك ئۇخلىۋالسا بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-28 06:53
  • ھەپتە ئاخىرىدا كۆپرەك ئۇخلىۋالسا بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

      رۇسىيە سۈنئى ھەمراھ تورىنىڭ 5- ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۋېتسىيە سىتوكھولم داشۆسىنىڭ ئالىملىرى دەلىللەش ئارقىلىق مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: ھەپتە ئاخىرىدا ئۇزاق ئۇخلىغاندا ئىلگىرىكى كەم قالغان ئۇيقۇنى تولۇقلاپ، بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بۇ تەتقىقات تەكشۈرۈشىگە قورامىغا يەتكەن 38 مىڭ كىشى قاتناشقان، ئۇلار ھەپتىلىك ۋە ئادەتتىكى ئۇيقۇ ۋاقتى دوكلاتىنى تاپشۇرغان. ئالىملار بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىشقا 13 يىل سەرپ قىلغان ھەمدە  بەدەن ئېغىرلىقى، بەدەن ھەرىكەت دەرىجىسى، ناچار ئادەتلىرى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلىرىگىمۇ دىققەت قىلغان. 

        دوكلاتقا قارىغاندا، 65 ياشتىن تۆۋەن، كۈنىگە بەش سائەتتىن ئاز ئۇخلايدىغانلارنىڭ كۈنىگە ئالتە، يەتتە سائەت ئۇخلايدىغانلارغا قارىغاندا بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %65 يۇقىرى بولىدىكەن. ئەمما ھەپتە ئاخىرىدا ئۇيقۇ تولۇقلايدىغانلارنىڭ ھەرقايسى كۆرسەتكۈچلىرى ئوتتۇراھال سەۋىيەگە يەتكەن. ئالىملار مۇنداق دېدى: ئۇخلاش ۋاقتى توققۇز سائەتتىن ئېشىپ كەتسىمۇ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ.

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك