• ئايالىنىڭ بىر جۈملە سۆزى ليۇ يېنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن

  • يوللىغۇچى : arkin
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-28 06:35
  • ئايالىنىڭ بىر جۈملە سۆزى ليۇ يېنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن

    يېقىندا، داڭلىق كىنو چولپىنى ليۇ يې مەلۇم بىر پائالىيەتكە قاتناشقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئىنتايىن تەستە ئۇخلايدىغانلىقىنى، ئادەتتە ھاراق ۋە ئۇيقۇ دورىسىغا تايىنىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنى ساقايتقان ئادەمنىڭ دەل ئايالى ئەننانىڭ بىر جۈملە سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

    ليۇ يې ئىنتايىن ياشلا نام قازانغان، ئۇ 2009-يىلى ئەننا بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ھازىر نو يى ۋە نىنادىن ئىبارەت ئىككى بالىنىڭ دادىسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ھازىرقى ئورنى تاماشا چەمبىرىكىدە خېلى ئۈستۈن تۇرىدۇ، لېكىن ئۇمۇ ئىنتايىن پەسكوي ھالەتكە چۈشۈپ باققان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ، رول ئېلىش ماھارىتى ئىزچىل تەنقىد قىلىنىپ كەلگەچكە، تىت-تىت بولۇشقا باشلىغان ھەمدە تۈرلۈك بېسىملار ئىچىدە ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالغان.

    «مەن 2004-يىلى ئەتراپىدا كۈندە ئەتتىگە سائەت 5تە قوپۇپ خىزمەت قىلاتتىم، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتكىچە رول ئېلىشنى تۈگىتىپ تىياتىرخانىغا باراتتىم ۋە يەتتىدىكى تىياتىرغا تەييارلىق قىلاتتىم، تىياتىر ئون يېرىملار ئەتراپىدا تۈگەيتتى. لېكىن، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئۇخلاشنى ئويلايتىم يۇ لېكىن ئۇخلىيالمايتتىم، ئۆزۈمگە تېز ئۇخلا، تېز ئۇخلا دەيتتىم، ئەمما بېشىمنى كۆتۈرسەم ئىشقا ماڭىدىغان ۋاقىت بولغان بولاتتى.»

    بۇنداق ئەھۋال نەچچە كۈن داۋاملاشقاندىن كېيىن، ليۇ يې ھاراق ئېچىش ئارقىلىق ئۇخلىيالىغان، لېكىن يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ ئۇسۇلنىڭمۇ كارغا كەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئۇيقۇ دورىسى يېگەن، بارا-بارا ئۇيقۇ دورىسىنىڭ مىقدارىمۇ كۆپەيگەن. كېيىن ئۇ قورقۇشقا باشلىغا، كەچلىرى ئۆيىدىكىلەرگە تېلېفون قىلالماي دوستلىرىغا تېلېفون قىلىپ يىغلىغان، بۇنداق ئەھۋال ئۈچ-تۆت يىل داۋاملاشقان.

    كېيىن ئۇ ئەنناغا يولۇقتى...

    ليۇ يې ئەننانى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىلا باشقىچى ھېسسىياتقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سورىغان ۋە كومپىيوتېرىغا ساقلىۋالغان. ليۇ يې: «ئۇ قۇياشقا ئوخشايدۇ، مەڭگۈ خۇشال.» ئۇلار بىرگە بولغاندىن كېيىن، ليۇ يې ئۇنىڭغا ئۇخلىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن ئەننا ليۇ يېغا بەزى جەھەتلەردە يول كۆرسەتكەن: «ئۇ ماڭا ليۇ يې سىز ئارقا-ئارقىدىن روللارنى قوبۇل قىلماڭ، تۇرمۇش بىلەن خىزمەتنى ئايرىڭ، ئۈچ ئاي خىزمەت قىلسىڭىز، ئۈچ ئاي ئارام ئېلىڭ، دېدى.»

    شۇنىڭ بىلەن ليۇ يې بىلەن ئەننا ساياھەتكە چىققان، ئەننامۇ ئۇنىڭ ھاراق ئىچمەسلىكىنى، ئۇيقۇ دورىسى يېمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان. ليۇ يې: «مەن ئۇخلىيالمىدىم دېسەم، ئۇ مەن سىزگە ھەمراھ بولۇپ تۇرىمەن، مەنمۇ ئۇخلىمايمەن، دېدى ھەمدە بىرىنچى كۈنى راستلا ئۇخلىمىدى، تاڭ ئاتقاندىن كېيىن مەن يەنە قانداق، راستىنلا ئۇخلىيالمىغانمەن دېدىم، لېكىن ئۇ ھېچقىسى يوق، مەن يەنە سىزگە ھەمراھ بولۇپ تۇرىمەن دېدى، ئاخىرىدا ئىككىنچى كۈنى مەن ئوندىن ئاشقاندىلا ئوخلاپ قالدىم.» شۇنىڭ بىلەن ليۇ يې ئۇخلىيالماسلىققا خاتىمە بەردى ھەمدە ئۇيقۇ دورىسىنىمۇ تاشلىدى، ئەننا بىلەن بولغان مۇھەببىتى كۈندىن-كۈنگە چوڭقۇرلاشتى ھەمدە تەسىر كۈچى تېخىمۇ زورىيىپ، يەنىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

    مەنبەسى :sina.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك