• يۈرەكنىڭ ياخشى-يامانلىقى بەدەندىكى بەش جايدا ئىپادىلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-28 06:12
  • يۈرەكنىڭ ياخشى-يامانلىقى بەدەندىكى بەش جايدا ئىپادىلىنىدۇ

    يۈرەك ئادەمنىڭ ياشىشىنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى، يۈرەك سوقۇشتىن توختىمىسىلا، مەيلى ئۇنىڭ ئەس ھوشى بولسۇن-بولمىسۇن، ئۇنى ھايات دەپ ئېيتالايمىز. ناۋادا يۈرەكتە مەسىلە كۆرۈلسە، ھاياتلىق بىۋاسىتە خەۋپكە ئۇچرايدۇ. ئەمما يۈرەك سېلىشتىن سىرت، يۈرەكتىن باشقا مەسىلە كۆرۈلگەندە دەل ۋاقتىدا ھېس قىلالىشىمىز ناتايىن. ئۇنداقتا يۈرەكنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟ يۈرەكتە مەسىلە كۆرۈلسە بەدەندىكى بەش جاي بۇنى ئالدىنئالا بىلەلەيدۇ:

    بويۇن. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بوينى قانچىكى توم كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ناۋادا ئەرلەرنىڭ بويۇن ئايلانمىسى 39 سانتىمېتردىن، ئاياللارنىڭ 35 سانتىمېتردىن ئاشسا بويۇننى بىر ئاز توم دېيىشكە بولىدىكەن.

    قولنىڭ بېغىشى. تومۇر سوقۇشنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكى يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن تىنچ ھالەتتە نورمال تومۇر سوقۇش قېتىم سانى 60 ~90 قېتىم/مىنۇت بولسا سوقۇشى تەكشى ھەم رېتىمى بىردەك بولسا مۇۋاپىق بولىدىكەن.

    قورساق. «جۇڭگو قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئېغىرلىق ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىك كېسىلى ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قوللانمىسى»دا ئەرلەرنىڭ بەل ئايلانمىسىنىڭ ≥ 85 سانتىمېتر، ئاياللارنىڭ ≥80 بولسا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ھېسابلىنىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن. قورسىقى يوغان كىشىلەر مېدىتسىنادا «مەركەز خاراكتېرلىك سېمىزلىك»دەپ ئاتىلىدىكەن، بۇ خىل تۈردىكى سېمىز كىشىلەر ئوڭايلا ئادەم بەدىنىدىكى ياغ مېتابولىزىمنىڭ قالايمىقانلىشىشى كېلىپ چىقىپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى زور دەرىجىدە ئاشىدىكەن.

    ئوشۇق. لىمفا نەيچىسى، قان تومۇر، نېرۋا قاتارلىق مۇھىم توقۇلمىلار تارقالغان بولۇپ، پۇت ئادەم بەدىنىدىكى قان ئاقىدىغان مۇھىم ئۆتكەلنىڭ بىرى بولۇپ، ۋېنادىن يۈرەككە قايتىدىغان قان ئېقىپ ئۆتىدۇ. يۈرەك نورمال خىزمەت قىلمىغاندا، ۋېنا قېنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتا ئاقالماي، ۋېنا ئىچكى بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۆۋەنكى مۈچە ئىششىنى، بولۇپمۇ ئوشۇقنىڭ سۇلۇق ئىششىش ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    قۇلاق يۇمشىقى. قۇلاق يۇمشىقىغا قورۇق چۈشكەنلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى قورۇق چۈشمىگەنلەرنىڭ سەككىز ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك