• iPhone كېلەر يىلى ئارقا كامېراغا ئۈچ كامېرا لىنزىسى ئىشلىتىشى مۇمكىن

  • يوللىغۇچى : dil
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-28 06:16
  • iPhone كېلەر يىلى ئارقا كامېراغا ئۈچ كامېرا لىنزىسى ئىشلىتىشى مۇمكىن

    ئالما كېلەر يىلى بازارغا سالىدىغان iPhoneنىڭ ئارقا كامېراسىغا 3D سەزگۈچى گۇرۇپپىسى سەپلەپ كۈچەيتىلگەن رېئاللىق (AR)تا سۈرەتكە ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇچۇۋاتقاندا ئارىلىقنى ئۆلچەش (ToF،Time of Flight) ئاساسلىق سەزگۈچى تېخنىكا قىلىنىدىكەن. بىراق گېرمانىيە ئاكسىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئالما ئۈچ كامېرا لىنزىسىنى ToF تېخنىكىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىكەن. گېرمانىيە ئاكسىيەسىنىڭ تېخنىكا ئىگىلىكى ئانالىزچىسى لۈ جىيالىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلى AR تەسۋىرگە ئېلىش iPhone ئاساسلىق ئۆلچىمىگە ئايلىنىشىنىڭ ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بازار مۆلچەرىدىن قارىغاندا iPhoneغا ToF ئىشلىتىلگەن ئارقا 3D سەزگۈچ گۇرۇپپىسى سەپلىنىدىكەن، لېكىن مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى ToFنى ئىشلەتمەي، ئەكسىچە ئۈچ كامېرا لىنزىسى ئىشلىتىپ تەسۋىرگە ئېلىشنى قوللىنىدۇ دەپ قارايدىكەن. ئىككى دانە كامېرا لىنزىسىدىن پايدىلىنىپ ئىسترولۇق كۆرۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بىر دانە ئۇزۇن فوكۇسلۇق لىنزا ئارقىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.
    گېرمانىيە ئاكسىيەسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئالما يانفونى كامېراسىنىڭ مودىل گۇرۇپپىسىنى تەمىنلىگۈچىلەر Largan ،Sony، شارپ، LG Innotek ۋە ئالىپىس ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى (Alps)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، Largan ئاساسلىقى كامېرا لىنزىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، iPhone ئۈچ كامېرا لىنزىسى ئىشلەتسە نەپكە ئېرىشىدىغان كارخانا بولۇشىدا ئۈمىد بار.
    مېيلىن ئاكسىيەسىنىڭ جۇڭگو تەيۋەندىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جېڭ شېڭروڭنىڭ قارىشىچە، كېلەر يىلى iPhone 3D سەزگۈچى گۇرۇپپىسىغا ToF ئىشلىتىلىشى مۇمكىن، بىراق ئۈچ كامېرا لىنزىسىغا يېڭىلاپ فوكۇس ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىمۇ نەزەردىن ساقت قىلغىلى بولمايدىكەن.
    نۆۋەتتە 3D سەزگۈچ تېخنىكىسى ToF ۋە قۇرۇلمىلىق ئوپتىكىنى ئىككى چوڭ ئېقىم قىلغان بولۇپ، لۈ جىيالىننىڭ قارىشىچە، يەنە ئۈچىنچى خىل ئېھتىماللىقمۇ بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئىسترولۇق كۆرۈش ئۈنۈمى. بۇ تېخنىكا بىلەن ئالدىنقى ئىككى تېخنىكىنىڭ پەرقى بولسا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مودىل گۇرۇپپىسىدىن تېشىپ ئۆتۈپ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن يەككە جىسىمنى سۈرەتكە ئالالايدىكەن، ئۈچبۇلۇڭلۇق ئۆلچەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەسۋاب بىلەن جىسىم ئارىسىدىكى ئارىلىقنى ئۆلچەپ چىقالايدىكەن. توك تېجەش، دالىدا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىش قاتارلىق ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، 3D كامېرا، AR/VR ئەسۋابى ۋە ماشىنا ئادەم ساھەسىگە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك