• دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىۋالغۇدەكلا چىن سۆزلەر

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-28 06:14
  • دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىۋالغۇدەكلا چىن سۆزلەر

    1. ناۋادا سىز بىرەر ئىش قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ باقمىغان بولسىڭىز، باشقىلارنى ئەستايىدىل ئەمەس دەپ تەنقىدلەش سالاھىيىتىڭىز بولمايدۇ. ئېغىز ئېچىپ ئاغرىنىش ناھايىتى ئاسان، ئەمما ئېغىزىنى چىڭ يۇمۇپ تىرىشىۋاتقان كىشىلەر تېخىمۇ ھۆرمەتلىنىشكە ئەرزىيدۇ.

    2. سىزنىڭ گەپ قىلىش ئۇسۇلىڭىز، سىزنىڭ دىتىڭىزنى ۋە قانچىلىك تەربىيە كۆرگەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ، ھەرۋاقىت ئاز گەپ قىلسىڭىز، ئىناۋىتىڭىزنى تۆكۈپ قويمايسىز. كۆڭۈل خالىمىغان ئىشنى قىلسىڭىز چوقۇم مەغلۇپ بولىسىز. 

    3. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئېنېرگىيىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋاتقىنى خىزمەت ئەمەس، بەلكى خىزمەت جەريانىدا ئۇچرىغان كىشىلەر. ئادەم ئىش قىلغانغا ھېرىپ كەتمەيدۇ، تۇراقسىز كەيپىيات ئادەمنى ئەڭ چارچىتىدۇ. 

    4. ناۋادا بىز بىراۋغا شەكسىز ئىشەنسەك، ئۇنداقتا نەتىجىسى ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى: ئۆمۈرلۈك يېقىن ئادەمگە ئېرىشەلەيمىز، يەنە بىرى: بىر قېتىملىق ئۇنتۇلماس تەجرىبىگە ئىگە بولالايمىز. 

    5. كىچىك ۋاقتىمىزدا بەخت بولسا «نەرسە» ئىدى، ئېرىشىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت ئىدى. ئەمما چوڭ بولغاندىن كىيىن، نىشانىمىزغا يەتسەك بەخت بولىدىغان بولدى. پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن بەختنىڭ بىر روھىي ھالەت ئىكەنلىكىنى، بىلىشنىڭ بەخت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. 

    6. بىر ئادەمنى ياخشى كۆرسەڭ، ئاندىن يەنە بىراۋغا ئۆچ بولالايسەن. كىمگە ھەسەت قىلساڭ، شۇ كىشىنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلىسەن، باشقىلارنى باھالاش ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ ۋاقتىنى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە سەرپ قىلغاندىن ئۆزۈڭنىڭ ئىشىغا سەرپ قىلغىنىڭ ئەۋزەل. 

    7. باشقىلار سىزگە ئازراق دىققەت قىلىپ قويسىلا، ئۆزىڭىزنى يۇقىرى، چوڭ چاغلاپ كەتمەڭ، بۇ سىزنىڭ روھىي جەھەتتىكى يالغۇزلۇقىڭىزنىڭ ئىپادىسى. 

    8. ئاياللار چوقۇم بۇ بەش خىل نەرسىنى ئۆزىدە ھازىرلىشى كېرەك: رۇخسارىدىكى ئىشەنچ، كۆڭلىدىكى ئاقكۆڭۈللۈك، قايناپ تۇرىدىغان غەيرەت-جاسارەت، ئىچ-ئىچىدىن بالقىپ تۇرىدىغان مېھرىبانلىق، ھاياتىغا سىڭىپ كەتكەن قەيسەرلىك.

    9. ئېرىشىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرگە ئېرىشىش كېرەك، ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك نەرسىلەردىن ۋاز كېچىش لازىم. چۈنكى ئاياغلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئاياغلاشتۇرۇش، باشلايدىغان ئىشلارنى باشلاش لازىم.

    10. كىشىلىك ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قىلغىنى ھېچكىمدە قالمايدۇ، باشقىلارنىڭ سىز ئۈچۈن تارتقان ئازابىنىڭ سەۋەبى باشقىلارنىڭ سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى، سىزنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىڭىز، ئۇ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرۈپ قىلغان ئىشلار. مۇھەببەت ئىشىنى ئادەم ئۆزى خالاپ قىلىدۇ، ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات دېيىش ئەڭ ياخشى.

    11. ئادەم كۆپ قىسىم ۋاقتىدا، ئادەمگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلەيدىغان كىشىلەرگە ئاچچىقلىنىدۇ. چۈنكى ئۆزىمۇ مۇشۇ بىخەتەر رايوننىڭ ئىچىدە، ناۋادا سىز قارشى تەرەپنىڭ سىزدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن قورقماي جېدەل قىلالايسىز.

    12. ھاياتتا ئۈمىد ئۈزۈشكە مۇناسىپ يول بولمايدۇ، ئەكسىچە، ئۈمىد ئۈزۈشكە مۇناسىپ يۈرەك بولىدۇ. ئۈمىدسىزلىكنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولسا ئۈمىد، كىرىزىسىنىڭ ئاخىرى بولسا بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر.

    13. بىر كۈنى شۇنى بايقايسىز، سىزنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىڭىزنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بولالمايسىز، ھەتتا ئاستا-ئاستا كېچىدىكى غۇۋا چىراغ نۇرى ئاستىغا سىڭىپ كېتىسىز، مانا بۇ تەنھالىق.

    14. سېتىۋالسىڭىز سېتىۋېلىڭ، باھا سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرماڭ. يېسىڭىز يەڭ، پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرماڭ. سۆيسىڭىز پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭىز بىلەن سۆيۈڭ، ئارتۇقچە گۇمانلانماڭ. كەتسىڭىز كېتىڭ، ئەمما خەققە تۆھمەت چاپلىماڭ. 

    15. يۈرەك كىچىك بولسا ھەممە كىچىك ئىش چوڭ كۆرۈنىدۇ، يۈرەك چوڭىيىپ كەتسە، ھەممە چوڭ ئىش كىچىك كۆرۈنىدۇ. پۈتۈن دۇنيا قالايمىقانچىلىققا تولسىمۇ، كۆڭلىڭىزنى تىنچ تۇتۇڭ.

    16. بەزىدە بىز ناھايىتى چارچاپ كېتىمىز، بۇنىڭ سەۋەبى تۇرمۇشنىڭ جاپالىقلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى بىزگە تەسىر قىلغان بولىدۇ.

    17. بەختلىك مۇھەببەتتە بىر ئادەم ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى كۆرەلەيسىز. بەختسىز مۇھەببەتتە سىز بىر ئادەم ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىن ۋاز كېچىسىز.

    18. ئوت ئىشلىتىپ ئالتۇننى سىنايمىز، ئالتۇن ئىشلىتىپ ئايالنى سىنايمىز، ئايالنى ئىشلىتىپ ئەرلەرنى سىنايمىز.

    19. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئايرىلماي بىرگە ئۆتۈشنىڭ ھېچقانداق مەخپىيىتى يوق، پەقەت مۇھەببەتتە ئۆز ئارا تەسىرلەندۈرۈشنى قويۇپ قويسىلا كۇپايە، شۇندىلا سوقۇشۇپ قالغاندا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولالايدۇ. 

    20. بۇ دۇنيادا مۇكەممەل «تەڭرى قوشقان بىر جۈپلەر» مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت بىر-بىرنىڭ كەمچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ بارغانسېرى چۈشىنىپ ياخشى كۆرىدىغان بىر جۈپلەر مەۋجۇت.

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك