• مۇھەببەتكە ئائىت ئىچىڭىزنى ئاچچىق قىلىدىغان جۈملىلەر

  • يوللىغۇچى : ئاينۇر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-28 06:39
  • مۇھەببەتكە ئائىت ئىچىڭىزنى ئاچچىق قىلىدىغان جۈملىلەر

    1. ئايرىلىپ يارىشىپ، يەنە ئايرىلىپ يارىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئايرىلىپ كېتىمىز. 

    2. مۇھەببەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا كىم ئەستايىدىل بولۇشنى باشلىسا شۇ ئۇتتۇرغان بولىدۇ.

    3. بىر ئاجىز بىلەن بىر كۈچلۈك بىر يەرگە كېلەلەيدۇ، ئىككى ئاجىزمۇ بىر يەرگە كېلەلەيدۇ، ئەمما ئىككى كۈچلۈك بىر يەرگە كەلسە بۇ مۇھەببەتنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ.

    4. ئىختىلاپ بولسا بالدۇر دېيىش كېرەك، يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قېتىغا ساقلىۋالسىڭىز، كېيىنكى ئايرىلىشنىڭ پىلتىسىغا ئوت ياققان بولىسىز.

    5. سىز ئۈچۈن ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىۋەتكەن ئادەم، سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولۇشى ناتايىن. 

    6. دائىم مۇھەببىتىنى كۆز-كۆز قىلىپ ئۆزىنى قارشى تەرەپ بىلەن بەختلىك ئۆتۈۋاتىمەن، دەپ قارىغان كىشىلەر چوقۇم ئايرىلىپ كېتىدۇ.

    7. ناۋادا كۆپ قىسىم دوستلىرىڭىز سىز ياخشى كۆرگەن كىشىنى ياقتۇرمىسا، ئۇنداقتا ئۇ سىز ئۈچۈن توغرا كىشى ئەمەس.

    8. ئىككەيلەن مۇھەببەتلىشىپ ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، بىر تەرەپ يېڭى مۇھەببەت تېپىشقا ئالدىرىسا، يەنە بىر تەرەپ ئىلگىرىكى مۇھەببىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كېچە-كۈندۈز ئويلايدۇ.

    9. ئۈچ ئايلىق مۇھەببەت بىر «مۇھەببەت باسقۇچى» بولىدۇ، ماس كېلىش-كەلمەسلىك مۇشۇ ئۈچ ئايدا بىلىنىپ بولىدۇ. 

    10. بىر ئادەمنىڭ كۈتكۈچىگە تۇتقان مۇئامىلىسى سىز بىلەن ئارىلىشىپ نەچچە ئاي ئۆتكەنىدىن كېيىن سىزگە تۇتقان مۇئامىلىسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

    11. سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئەر ھەرگىزمۇ ئاتكاچىلىق بىلەن بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا بەك دىققەت قىلىدۇ.

    12. ناۋادا بىر ئادەم سىزنى بىر قېتىم ئالدىغان بولسا، ئىشنىڭكى بۇ ئادەم سىزنى ئىككىنچى قېتىممۇ ئالدايدۇ.

    13. دائىم ئۆزى ئۈچۈن سەۋەب ئىزدىگەنلەر قارشى تەرەپنى يېتەرلىك سۆيمەيدىغانلار، دائىم قارشى تەرەپ ئۈچۈن سەۋەب ئىزدىگەنلەر قارشى تەرەپ ئۇنى يېتەرلىك سۆيمەيدىغانلار. 

    14. ناۋادا سىز قارشى تەرەپنىڭ ئىلگىرىكى مۇھەببىتىگە زىيادە كىرىشىۋالسىڭىز، ئۆزىمۇ بەلكىم «ئىلگىرىكى مۇھەببىتى»ڭىزگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

    15. ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى تۆۋەن ئورۇنغا قويۇپ، باشقىلاردىن مۇھەببەت تەلەپ قىلماڭ، ئۇنداقتا مەڭگۈ ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەيسىز.

    16. ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئالاقە قىلىشنى رەت قىلىدىغان تەرەپ ھازىرغىچە ئازار يەۋاتقان تەرەپ بولۇشى مۇمكىن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك