• شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 5-ئاينىڭ 30-كۈنى يول خەرىتىسى 2-قېتىم تەڭشىلىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-28 06:16
  • شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 5-ئاينىڭ 30-كۈنى يول خەرىتىسى 2-قېتىم تەڭشىلىدۇ

    5-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يول خەرىتىسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدىكى 2-قېتىملىق تەڭشىلىشى بولىدۇ، بۇ قېتىملىق يول خەرىتىسىنى تەڭشەشتە غۇلجا-قەشقەر T9516/7، T9518/5 قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى-خوتەن T9526/7، T9528/5 قېتىملىق ئىككى جۈپ پويىز تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىدا توختايدۇ، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئالمىشىشىنىڭ تېخىمۇ قولايلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

      مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يول خەرىتىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلەر بۇ ئىككى پويىزغا ئولتۇرغاندا تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىدا بىۋاسىتە ھالدا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋە ئوقپويىزغا ئالمىشالايدىكەن، ئۈرۈمچى ياكى تۇرپان ۋوگزالىدىن چىقىپ، تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىغا بېرىپ پويىز ئالماشمىسىمۇ بولىدىكەن.

      تۇرپان شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىشتىكى ئوتتۇرا يولدا پويىز ئالمىشىش تۈگۈنى بولۇپ، ھازىر تۇرپاندا تۇرپان ۋوگزالى ۋە تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى بار، بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋوگزالى. ھالبۇكى ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ-كېلىشتە پويىز تۇرپان ۋوگزالىدا توختايدۇ، ئىككى ۋوگزالنىڭ ئارىلىقى 40 كىلومېتىرچە كېلىدىغان بولغاچقا، پويىز ئالمىشىش ئىنتايىن قولايسىز.

      جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدىن لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولىغىچە ئۇلاشقان لىنىيەدە بۇلتۇر قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورىغا رەسمىي تۇتاشتى، جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ-كېلىشتە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋە ئادەتتىكى پويىزلارنىڭ قوش لىنىيەدە قاتنىشى ئىشقا ئاشتى، كورلا، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان بەش جۈپ پويىز لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى-جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدىن لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى ئۇلانما لىنىيەسى-جەنۇبىي شىنجاڭ لىنىيەسىدە قاتناشقا ئۆزگەردى، ئەمما بۇ پويىزلار تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىدا توختىمايتتى.

      بۇ قېتىملىق تەڭشەشتىن كېيىن ئىككى جۈپ پويىز تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىدا توختىسا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يولۇچىلار يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا تېخىمۇ قولاي ئالمىشالايدۇ، ۋاقتى ھەم كۈچى تېجىلىپلا قالماي، سەپەر خىراجىتىمۇ تېجىلىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك