• شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق مەمۇرلۇق يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-01 12:37
  • شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق مەمۇرلۇق يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

    ئۆز خەۋىرىمىز: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2018-يىلى جەمئىيەتتىن ئىمتىھان ئېلىپ ئاشكارا مەمۇر قوبۇل قىلىش، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى، يېزىقچە ئىمتىھاننىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ۋە يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار تىزىملىكى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 18 دە ئېلان قىلىندى. ئىمتىھان بەرگەنلەر شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn) غا كىرىپ نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

      مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇر باشقۇرۇش تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلان قىلىش ئەھۋالىغا قارىغاندا، بۇ يىل «بايان ۋە مۇھاكىمە» ۋە «مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدار سىنىقى» ئىككى پېنىدىن ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 85 نومۇر بولغان؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە باشقا 5-،6-تۈرلۈك جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردىكى خىزمەت ئورنىغا تىزىملاتقانلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 80 نومۇر بولغان.

      «بايان ۋە مۇھاكىمە»، «مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدار سىنىقى»، «ج خ ئاساسىي بىلىملىرى» دىن ئىبارەت ئۈچ پەندىن ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 125 نومۇر بولغان؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە باشقا 5-،6-تۈرلۈك جاپالىق، چەت-ياقا رايونلارغا تىزىملىتىپ ئۈچ پەندىن ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 120 نومۇر بولغان.

      يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىگە يەتكەنلەردىن يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، نىسبەت بويىچە بېكىتىلىدۇ. 1-2 گىچە خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدىغان ئورۇنلاردا 1:3 كە نىسبىتى بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ ئۈچتىن ئارتۇق خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدىغان ئورۇنلاردا 1:2 گە نىسبەت بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتمىگەن خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئەمەلىي ئادەم سانىغا ئاساسەن يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.

      ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، يۈزتۇرا ئىمتىھانغا كىرگەنلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، سالاھىيەت تەكشۈرۈش ئورنى، لىنىيەسىنى ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇر باشقۇرۇش تارماقلىرى ئايرىم ئېلان قىلىدۇ.

      يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjrs.gov.cn) غا چىقىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2018-يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش بويىچە سالاھىيەتنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى» نى چۈشۈرۈپ ۋە توشقۇزۇپ، سالاھىيەتنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقاندا تاپشۇرىدۇ.

      مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مەمۇر قوبۇل قىلىش يۈزتۇرا ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان ئورگان سالاھىيەتنى تەكشۈرگەندە يۈزتۇرا ئىمتىھاننىڭ كونكرېت ۋاقتى، ئورنى، ئاپتوبۇس لىنىيەسى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئۇقتۇرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇر باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ۋە مەمۇر قوبۇل قىلىشتا ئىنتىزام-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 30-نومۇرلۇق بۇيرۇقى) گە ئاساسەن، مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئورگانلىرى ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش داۋامىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىچىدە ئوخشاش بىر پەندە ئىمتىھان جاۋابى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇش ئەھۋالىنى بايقىسا ھەمدە ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش مۇتەخەسىسلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن بولسا، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ بۇ پەندىكى ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

    مەنبەسى :ts.cn




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك