• ھاياتىمىزدا شۇنداق بىر دوستىمىز بولسا...

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-05 07:35
  • ھاياتىمىزدا شۇنداق بىر دوستىمىز بولسا...

    ھاياتىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەرگە يولۇقىمىز، بەزىلەر بىلەن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كېتىمىز، يەنە بەزىلەر بىلەن بولسا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالىمىز.

    ئاددىيغىنە بىر دوستىمىز بولسا، ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى بولمىسا، ساختىپەزلىك قىلمىساق، غەم-ئەندىشىسىز ھالدا پاراڭلاشساق، خاتىرجەم ھالدا كۆڭلىمىزدە ئويلىغانلىرىمىزنى ئېيتساق، ئەركىن-ئازادە، ئوچۇق-يورۇق پاراڭلاشساق.

    ئىشەنچلىك دوستىمىز بولسا، غەم-قايغۇ، ئەرز-شىكايەت، مەخپىيەتلىكىمىزنى ئۇنىڭغا خاتىرجەم ھالدا ئېيتساق، ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكىمىزنى ھەممە يەرگە يېيىشىدىن قىلچە ئەنسىرىمىسەك، ئاجىزلىقىمىزنى مازاق قىلىشىدىن قىلچە قورقمىساق، خاتىرجەم، غەمسىز ھالدا دوست بولۇپ ئۆتسەك.

    سىرداش دوستىمىز بولسا، ئۆزئارا چۈشۈنۈپ، ئۆز-ئارا كۆيۈنسەك، بىر بىرىمىزنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىگە ھەمدەم بولساق، بىرگە بولغاندا دېيىشمەيدىغان گېپىمىز بولمىسا، قارشى تەرەپنىڭ سادىق ئاڭلىغۇچىسى بولساق، ھەر قانداق ئىشنى بىمالال ئېيتساق، ھېچكىم ئۆزئارا قورۇنۇپ قالمىسا، غەمسىز، راھەت ياشىساق.

    سەمىمىي دوستىمىز بولسا، بىر-بىرىمىز بىلەن پۇت تېپىشىپ ئورا كولاش بولمىسا، ۋاسىتە تاللىمىغان ھالدىكى سۇيىقەست ئارىلاشمىسا، ساختىپەزلىك قىلماي ھەقىقىي، سەمىمىي بولسا، مەن ياردەمگە ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلسا، ئۇ ئازابلانغان ۋاقىتتا مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇنى خۇشال قىلسام، ئاددىي، خاتىرجەم ئۆتسەك.

    ھاياتلىقتا ئاقكۆڭۈل دوستىڭىزنىڭ بولۇشى تەلىيىڭىز، رەزىل دوستىڭىزنىڭ بولۇشى بىتەلەيلىكىڭىز؛ سەمىمىي دوستىڭىزنىڭ بولۇشى بەختىڭىز، يالغانچى دوستىڭىزنىڭ بولۇشى نەس باسقىنى؛ ئىشەنچلىك دوستىڭىزنىڭ بولۇشى شان-شەرىپىڭىز، ئالدامچى دوستىڭىزنىڭ بولۇشى ئار-نومۇسىڭىز؛ قەدىرلەيدىغان دوستىڭىزنىڭ بولۇشى بەختىڭىز، ئاسىيلىق قىلىدىغان دوستىڭىزنىڭ بولۇشى بەختسىزلىكىڭىز.

    تولىمۇ قىسقا بۇ ھاياتتا ھەقىقىي دوستىڭىزدىن قانچىسى بار؟ ئەگەر ھاياتلىقتا چىن كۆڭلىدىن سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سىزگە ياردەم قىلىدىغان دوستىڭىزنىڭ بولۇشى خۇددى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىلەن باراۋەر، بۇنىڭ ئېھتىماللىقى ئون مىڭدىن بىر. بۇ بىز ئېرىشىمىز دەپ ئېرىشەلمەيدىغان، پەقەت ئامىتىمىز كەلگەندە ئۇچرايدىغان پۇرسەت، ئەگەر بۇ پۇرسەت بىزگە نېسىپ بولسا چوقۇم قەدىرلىشىمىز، بۇ «غايەت زور بايلىق»نى يىتتۈرۈپ قويماسلىقىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇ يۈتۈپ كەتسە ھەرگىزمۇ قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ.

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00