• 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا ھاۋا ئومۇمەن ياخشى بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-05 07:32
  • 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا ھاۋا ئومۇمەن ياخشى بولىدۇ

     ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلىشىپ قالدى، ئىمتىھان مەزگىلىدىكى ھاۋارايى ئەھۋالى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 6-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى شىنجاڭدىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا خۇشخەۋەر يەتكۈزدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆرۈنەرلىك يامغۇرلۇق ياكى بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلمەيدۇ، ھاۋارايى ئومۇمەن ياخشى، تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق بولۇپ، بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشى ۋە ئىمتىھان بېرىشىگە پايدىلىق. ئەمما ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

    شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى ھاۋارايى ئەھۋالى بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باش تەدبىر بەلگىلەش مۇلازىمەتچىسى دوۋ شىنيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈندۈزى ھاۋا ئوچۇق، ئەتىگەن ۋە كەچتە ھاۋا سالقىن بولىدۇ. ئەمما سوغۇق ئېقىم تەسىرىدە 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا توپا ئۆرلەيدۇ ياكى قۇم ئۇچىدۇ. بەزى جايلاردا ئۆتكۈنچى قاتتىق يامغۇر، چاقماق چېقىش قاتارلىق كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئىلى ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، تارباغاتاي ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ.

    شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ئاۋۋال ئۆرلەپ كېيىن تۆۋەنلەيدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ، ئۆرلەش نىسبىتى ℃2~3 ئەتراپىدا بولىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدىكى غۇلجا شەھىرى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى شەھىرى قاتارلىق ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32~34 قىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر شەھىرى، خوتەن شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمېپراتۇرا ℃33~35 قىچە بولىدۇ. تۇرپاندا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃38~40 قىچە، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃23~26 قىچە بولىدۇ.

    6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا چاڭ-توزان ئۆرلەيدۇ ياكى قۇم ئۇچىدۇ؛ قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا تارقاق يامغۇر ياغىدۇ، بەزى جايلاردا ئۆتكۈنچى قاتتىق يامغۇر، چاقماق، مۆلدۈر قاتارلىق كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

    6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە، ئىلى ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، 5-4 بال شامال چىقىدۇ، تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدۇ.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش ئالدىن مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان جايلاردا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ كېيىن بۇلۇتلىنىدىكەن، شامال كۈچلۈك بولمايدىكەن. يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃29~31 قىچە، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃17~19 قىچە بولىدىكەن. تېمپېراتۇرا ئىلگىرىكى يىللاردىكى ۋە بۇلتۇرقى ئوخشاش كۈندىكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.

    مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا كۈندۈزى چۈشتە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃33 تىن يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر كۈچلۈك بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك؛ ھەر قايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرى سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئىسسىقتىن دالدىلىنىش مۇلازىمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    دوۋ شىنيىڭ مۇنداق دېدى: ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا مۇقىمسىزلىق مەۋجۇت، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار يەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىلىرى ئېلان قىلغان ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا دىققەت قىلىپ، ئۇشتۇمتۇت كۆرۈلىدىغان تەسىرى كۈچلۈك ھاۋارايىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىمتىھانغا تەسىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك