• مېسسى: ئۆزۈمنى تارىختىكى ئەڭ قالتىس توپچى دەپ قارىمايمەن

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-05 08:21
  • مېسسى: ئۆزۈمنى تارىختىكى ئەڭ قالتىس توپچى دەپ قارىمايمەن

    مېسسى يېقىندا «Paper» ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ساندىكى مۇقاۋىسىغا چىقىپ بىر يۈرۈش سۈرەتلەرگە چۈشتى. سۈرەتتە مېسسى ئوماق بىر ئۆچكە بالىسىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ «تارىختىكى ئەڭ قالتىس» دېگەندەك مەنىسى بار، چۈنكى GOAT (ئۆچكە) دېگەن سۆز تارىختىكى ئەڭ قالتىس (Greatest of all time) دېگەن سۆزگە سىمۋول قىلىنغان، يەنى بۇ خەتلەرنىڭ باش ھەرىپىنى بىر يەرگە ئەكەلسە ئۆچكە دېگەن خەت چىقىدۇ. شۇنداقتىمۇ مېسسى يەنىلا ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچى دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    مېسسى: «ئۆزۈمنى ئەڭ قالتىس دەپ قارىمايمەن، مەن پەقەت بىر توپچى خالاس. مۇسابىقە باشلانغاندا ھەممەيلەن باراۋەر» دېدى.

    دۇنيا لوڭقىسى توغرىسىدا: «بىز تېخىمۇ كۈچلىنىشىمىز كېرەك، شۇندىلا چېمپىيونلۇق نامزاتى بولالايمىز، شۇندىلا فىرانسىيە، گېرمانىيە، بىرازىلىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق كوماندىلار بىلەن بىر سەۋىيەدە تۇرالايمىز. لېكىن بىزنىڭ كوللېكتىپىمىزمۇ ئىنتايىن قالتىس، مەيلى سالاھىيەت مۇسابىقىدىكى ئىپادىمىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئارگېنتىنا ھەر قېتىم قىززىق نۇقتىلىق كوماندا بولۇپ قالىدۇ، بىزنىڭ نىشانىمىزمۇ ئىزچىل چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش» دېدى.

    مېسسى: «مەن ھايۋاناتلارنى ياخشى كۆرىمەن، ئۆيدە خۇلىك ئىسىملىك ئىتىمىز بار، ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسىدەك.»

    مېسسى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ فوندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقىپ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە تەلىم-تەربىيەسى جەھەتتە كۈچ قوشۇپ كەلدى. مېسسى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى.

    مېسسى: «ئېھتىياجى بار كىشىلەرگە ياردەم قىلىش جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولغىنىمدىن ئىپتىخارلاندىم، بىز بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك كۈچىنى چىقىرىپ دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»

    30 ياشلىق مېسسى نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئارگېنتىنا بىلەن بىللە خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش.

    مېسسى: «ئىتتىپاقلىشىپ بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىدىغانغا ئىشەنچىمىز بار، ھەم شۇنداق قابىلىيىتىمىزمۇ بار. لېكىن كاجلىق قىلىپ ئارزۇيىڭىزغا چىڭ ئېسىلىۋالسىڭىزمۇ بولمايدۇ، بۇ مېنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يەكۈنلەپ چىققان شەخسىي كۆز قارىشىم، چۈنكى بۇنداق بولغاندا زىممىڭىزدىكى بېسىم تېخىمۇ چوڭلاپ ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېھتىماللىقىڭىز تېخىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن.

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك