• ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى قاتناش كاپالەت تەدبىرلىرى ئېلان قىلىندى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-05 08:23
  • ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى قاتناش كاپالەت تەدبىرلىرى ئېلان قىلىندى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىللارنىڭ 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى يول يۈرۈش كۆرسەتكۈچى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم يوللاردا قاتناشقا ۋاقىتلىق چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى.


      2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلى (6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە) دە ئۈرۈمچى شەھەر دائىرىسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىدىن 40 ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) دا ئىمتىھان نۇقتىلىرى كۆپرەك بولۇپ، ۋاقتى كەلگەندە ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى تەۋەلىكتىكى ئىمتىھان نۇقتىلىرى ئەتراپىدىكى ئاساسلىق يوللاردا چارلاش، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، ئىمتىھان نۇقتىسى ئازراق بولغان شىمىگو رايونى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا قاتناش ساقچىلىرى 19-ئوتتۇرا مەكتەپ، تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ، 101-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى يوللاردا نۇقتا بەلگىلەپ قوماندانلىق قىلىدۇ.

      بۇنىڭدىن باشقا، تېز سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچىلىرى شەھەر رايونىدىكى ئىمتىھان نۇقتىلىرى ئەتراپىدىكى كۆۋرۈكلەرگە كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىدا قاتناشقا قوماندانلىق، يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرىغا بارىدىغان ئاساسلىق يوللاردىكى قاتناشنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

      ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بويىچە مۇناسىپ كاپالەت تەدبىرلىرىنى چىقارغان. 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 15:30-19:30 غىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نۇقتىسىنى كۆرۈش ۋاقتى بولۇپ، قاتناش ساقچى تارماق ئەترەتلىرى ساقچى كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان نۇقتىسى دەرۋازىسى ئالدى ۋە ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ قاتناش تەرتىپىنى قوغداش، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى جايىدا ئىشلەيدىكەن.

      6-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 11:00 دىن 13:00 كىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىكى يولدا ئوڭايلا قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا قاتناش ساقچىلىرى بۇ يول ئېغىزىدا قوماندانلىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى ئاپىرىپ-ئەكىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ نورمال ئۆتۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

      ئىمتىھان مەزگىلىدە 8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ غەربى يېنىدىكى گۇاڭخۇا يولى، 20-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېنىدىكى ھارۋا بازىرى كوچىسى، 70-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېنىدىكى جەنۇبىي كەڭلىك 1-يولى، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېنىدىكى يىنچۈەن يولىدا قاتناشقا باسقۇچلۇق چەك قويۇلىدۇ، ئىمتىھان باشلانغاندا قاتناشقا چەك قويۇش باشلىنىپ، ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندا قوماندانلىق، يېتەكچىلىك قىلىش كۈچەيتىلىپ، ئاپتوموبىللار تەرتىپلىك قويۇپ بېرىلىدۇ.

      ئالاھىدە ئەسكەرتىش زۆرۈر بولغىنى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىمتىھان نۇقتىلىرىنىڭ ئالدىدىكى يوللاردا 200 مېتىر ئىچىدە ئاپتوموبىل توختىتىش مەنئى قىلىنىدۇ، كىنىشكىسى بار سىمسىز تېلېگراف تەكشۈرۈش ئاپتوموبىللىرى قاتناشقا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى مۇۋاپىق ئورۇندا توختىسا بولىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار مەكتەپ دەرۋازىسى ئىچىدە ئاتا-ئانىلار كۈتۈش رايونى تەسىس قىلىدۇ، ئاتا-ئانىلار كىملىكى ۋە بالىسىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ساقلاش رايونىغا كىرىدۇ. ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار توختاپلا مېڭىشى، ئاپتوموبىللارنىڭ يىغىلىپ قېلىپ، قىستاڭچىلىق كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

      شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تارماقلىرى چارلاش ئاپتوموبىلى، ساقچى موتسىكلىتلىرى ئارقىلىق ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قولايلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا «يېشىل يول» ئېچىپ بېرىدۇ، «ئىمتىھان مەيدانىغا يەتكۈزۈش مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىلى» تەسىس قىلىدۇ؛ ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار (ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىدۇ) ئولتۇرغان ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسى، شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە ئەڭ يۇقىرى چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھان قەغىزى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنى ئالدىن ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ئىمتىھان مەيدانىغا بارىدىغان يوللارنىڭ راۋان بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا قولايلىق يارىتىدۇ، مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار تاسادىپىي ئەھۋاللارغا ئۇچرىسا، قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونى 4801773-0991 غا تېلېفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.


    مەنبەسى :ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى ئەترىتى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك