• ئاكشاي كۇمارنىڭ «ھاجەتخانا» فىلىمى زادى قانچىلىك تەسىر قوزغىغان؟

  • يوللىغۇچى : dilara
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-11 02:08
  • ئاكشاي كۇمارنىڭ «ھاجەتخانا» فىلىمى زادى قانچىلىك تەسىر قوزغىغان؟

    ھىندىستان فىلىملىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلالىغانلىقىدا. ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، ئېتقاد، مائارىپ تۈزۈلمىسى ....قاتارلىق مەسىلىلەر بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ بولدى.

    بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان فىلىممۇ ئوخشاشلا ئاياللار ھوقۇقى ھەققىدە سۆزلەيدۇ، ئەمما ئالاھىدە يېرى، بۇ بىر ھاجەتخانا ئارقىلىق مەسىلىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان كىنو.

    ھىندىستانلىقلارنىڭ ھاجەتكە چىقىشى ئىزچىل ناھايىتى چوڭ مەسىلە بولۇپ كەلگەن، چۈنكى ھىندىستانلىقلارنىڭ قارىشىچە ئۆيدە ھاجەتخانا سېلىش ناھايىتى مەينەت ئىش، بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.

    ئۇلار دالىغا تەرەت قىلىشنى تەبىئەتكە يېقىن ئىش دەپ قارايدۇ، بۇنى ئۇلاردىكى ئاڭ-ئېتقاد بەلگىلەپ قويغان. بۇنىڭ يىلتىزىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.

    گەرچە بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن بارلىق ھىندىستان ئاياللىرى بۇ ئىش سەۋەبلىك ناھايىتى جاپادا قالغان.

    ئۇلار ھاجەتكە ئەركىن-ئازادە چىقالمايدۇ، يەنە تېخى يېرىم كېچىگىچە سۆرەپ ئاندىن چىقىدۇ.

    مۇبالىغە قىلماي دېسەكمۇ ھىندىستاندا 350 مىلىيون ئايال مۇشۇ كۈننى كۆرىۋاتىدۇ.

    بۇنداق ناچار ئادەت تۈپەيلى، ئاياللارنىڭ غورۇرى يوقاپ كېتىپلا قالماي يەنە ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ زور زىيانكەشلىك ئېلىپ كەلگەن. چۈنكى كېچىدە دالىغا چىقىپ تەرەت قىلغاندا ھىندى ئاياللىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، كۆپىنچە ئاياللار مۇشۇ جەرياندا جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدۇ.

    «تايمېس گىزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاندا ھەر 22 مىنۇتتا بىر قېتىم باسقۇنچىلىق ۋەقەسى يۈز بېرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 50 پىرسەنتى ئاياللار ھاجەتكە بارغاندا يۈز بېرىدىكەن.

    جۇڭگودا قىزلار پۇلى بولسۇن، ماشىنىسى بولسۇن دەپ تويلۇق سېلىۋاتقاندا ھىندىستاندا بىر ھاجەتخانا سېلىپ بېرىش تويلۇق ئۈچۈن مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

    بۇ ئىشقا ئادەم يا كۈلۈشىنى يا يىغلىشىنى بىلگىلى بولمايدۇ، بەزى قىزلار ئاستا-ئاستا ئويغىنىشقا باشلىغان، بەزىلىرى قارشىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىغان.

    بۈگۈنكى بۇ فىلىممۇ راست بولغان ۋەقەدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، «ھاجەتخانىسى بولمىسا ياتلىق بولماسلىق» تەك بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

    بۇ فىلىم 6-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلىتىمىزدىكى كىنوخانىلاردا رەسمىي قويۇلدى.

    بۇ فىلىم زادى قانچىلىك قىزغىنلىق قوزغىدى، تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

    بۇ فىلىم «600 مىلىيون ھىندى ئايالنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا قويۇلغاندىن كېيىن ئىككى ھەپتىلىك بېلەت كىرىمى ئون مىلىيارد روپىيە(تەخمىنەن 1 مىلىيارد يۈەن) دىن ئاشقان، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 20 مىلىيارد(تەخمىنەن 2 مىلىيارد 59 مىلىيون يۈەن) لىك بېلەت كىرىمى ياراتقان.

    ئىككى ھەپتىگىچە فىلىم قىزغىنلىقى سوۋۇپ قالمىغان. بۇنىڭدىكى ئامىللارنىڭ بىرى، ئاكشاي كۇمارنىڭ رول ئالغانلىقىدا، ئۇ شياڭگاڭدا گۇمپا ئۆگەنگەن بولۇپ، «ھىندىستانلىق چېڭلوڭ» دەپ نامى بار. ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى بېلەت كىرىمىمۇ ھەمىشە ياخشى، ھەتتا ئامىرخاندىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن.

    يەنە بىر جەھەتتىن ئۇ رېئالىي مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، نۇرغۇن ھىندىستانلىقلار بىلەن پىكىر ئورتاقلىقى ھاسىل قىلغان.

    «ھاجەتخانا» دا ئايال باش رولچى جايا ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ ئۆزىدىن ياشتا خېلى چوڭ كېشاۋغا ياتلىق بولىدۇ، لېكىن ئۇلار تەرەققىياتى ئارقىدا بىر كەنتتە ياشاۋاتقان بولغاچقا ئۆيىدە ھاجەتخانا يوق بولۇپ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ قارىشىمۇ ناھايىتى قالاق.

    بۇنداق تۇرمۇشتىن جاق تويغان جايا ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشنى قارار قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن ئاجرىشىش جېدىلى قىلىدۇ، بۇنىڭ تىغ ئۇچى ئاياللار ھوقۇقى ۋە ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا قارىتىلىدۇ.

    گەرچە فىلىم ھاجەتخانىنى چۆرىدەپ راۋاجلانسىمۇ لېكىن ھاجەتخانا ئاساسىي مەقسەت ئەمەس.

    فىلىمدە ھاجەتخانا ۋەكىللىك قىلىدىغىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تەبىقىچىلىك تۈزۈمى، نەچچە مىڭ يىللىق قالاق ئۆرپ-ئادەت، ھازىرقى زامان ئىلغار مەدەنىيىتى بىلەن پۈتۈنلەي قارشى بولسىمۇ كىشىلەر قارىغۇلارچە چوڭ بىلىپ كېلىۋاتقان ئېتقاد قارىشى.

    ھاجەتخانا سېلىشنى تەلەپ قىلىش جايانىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى بولۇپ قالىدۇ، ئۇ فىلىمدە قارشىلىق روھى ئەڭ زور بولغان ياش ئايال، شۇنداقلا فىلىمىدىكى «قەھرىمان» شۇ.

    جايانىڭ كاللىسى ئېچىلىپ، قارشىلىق بىلدۈگەندىن تارتىپ، ئۇ سەھەر سائەت 4تە سىرتقا ھاجەتكە يۈگرەشكە ئۇنىمايدۇ.

    قېينئاتىسىنىڭ كۆزىگە سىغمىغاندا جايا يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ، رايشىلىق بىلەن تۇرۇشقا ئۇنىمايدۇ.

    ئۇ چىڭقىلىپ تۇرۇپ ئاياللارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىشى توغرىسىدا سۆز قىلغاندا ھەمشىرىلىرى ئۇنىڭدىن قاتتىق گۇمانلىنىدۇ.

    ھاجەتخانا تۈپەيلى ئۇ يولدىشىدىن ئاجرىشىشنى قارار قىلىدۇ، شۇنداقلا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا راستىنى دەيدۇ.

    جايا خۇددى بىر رەھبەرگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن ھىندى ئاياللىرى ئاستا-ئاستا ھوشنى تاپىدۇ.

    بۇ ئىشقا قاتناشقان ئاياللار كۆپەيگەنسېرى، ئەرلەرمۇ «ھاجەتخانا سېلىش» نىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ يېتىدۇ.

    فىلىمدە باشتىن-ئاخىر ئاددىيلا ھاجەتخانا سېلىش ئىشى ئاياللارنىڭ غورۇرىنى، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئاياللاردىكى ئاڭ سەۋىيەنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە قارىتا بىر سىمۋول بولغان.

    ئاياللار ئۆزىنىڭ نائادىل مۇئامىلىگە ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ھەممەيلەن بىرلىككە كەلگەندە جايا بۇلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئادەم بولۇپ يېڭى قانۇن لايىھەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

    بۇ فىلىم ھىندىستان زۇڭلىسى مودىنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.

    «ھاجەتخانا» فىلىمى ھىندىستانلىقلار ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشتىن بىرنى قىلغان، ئۇلار ئىلگىرى دۇنيادىكى بىرىنچى ئاممىۋى ھاجەتخانا دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، لېكىن ئۇلار بۇ ئىشنى ئېكرانغا ئېلىپ چىقىپ، ئەزەلدىن ئورنى بولماي كەلگەن ئاياللار ئۈچۈن ھەق گەپ قىلغان.

    «ھاجەتخانا بولمىسا ياتلىق بولماسلىق» ئاددىي شۇئاردەك قىلغان بىلەن، ھىندىستان جەمئىيىتىنىڭ ئاياللارغا ھۆرمەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇلار ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن ئاياللارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى.

    خۇلاسىلىسەك، «ھاجەتخانا» فىلىمى ھەقىقەتەنمۇ كىلاسسىك بىر ئەسەر بولۇپ قالغۇسى.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك