• تويوتا يېڭى بىر ئەۋلاد خانتاجى ئەمەلىي ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-11 03:53
  • تويوتا يېڭى بىر ئەۋلاد خانتاجى ئەمەلىي ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى

    يېقىندا تويوتا ئورگان تەرەپ يېڭى بىر ئەۋلاد خانتاجى ئەمەلىي ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلغان، يېڭى ئاپتوموبىلغا ئۈچ خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سەپلىمىسى تەمىنلەنگەن، 6-ئاينىڭ 26-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا ئورگان تەرەپ يەنە بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ياپونىيەدىكى سېتىلىش باھاسىنى ئېلان قىلغان، سېتىلىش باھاسى 270-420 مىڭ يۈەنگىچە.

    يېڭى بىر ئەۋلاد خانتاجى داۋاملىق سىپورت نۇسخىسى (Athlete يۈرۈشلۈكى) ۋە ھەشەمەت نۇسخىسى (Royal يۈرۈشلۈكى) ئىككى خىل نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنى چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سىپورت نۇسخىنىڭ شەكلى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئۇقۇم ئاپتوموبىلىغا ئىنتايىن ئوخشاش، ئالدى يۈزىگە قارا رەڭلىك تورسىمان ھاۋا كىرىش سالاسۇنى قوللىنىلغان، سۈرەتتىكى RS نۇسخىسى يەنە ئالدى ھاۋا كىرىش سالاسۇنى مەركىزىگە ماس بەلگە قوشقان. ئالدى ئورالمىسى جەھەتتە، سىپورت نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنىڭ سىزىقلىرى مول قاتلاملىق تۇيغۇغا ئىگە، ئالدى لىۋىگە قارا رەڭلىك بېزەك قوللىنىلغان. يان تەرىپىگە كەلسەك، سىپورت نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپى ئەينىكىنىڭ ئومۇمىي دائىرىسى قارا رەڭدە، چاق گەردىشى پاسونىدىن سىپورتلۇق پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ.

    ھەشەمەت نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئالدى ھاۋا كىرىش سالاسۇنىغا خىروم يالىتىلغان رىشاتكا شەكلىدىكى لايىھە قوللىنىلغان، ئالدى ئورالمىسىنىڭ لايىھەسى سىپورت نۇسخىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئىخچام، ئومۇمىي جەھەتتىن تېخىمۇ سالاپەتلىك. يان تەرەپ شەكلى جەھەتتە، سىپورت نۇسخىسىدىن پەرقلىنىدۇ، ئاپتوموبىل ئەينىكى ئومۇمىي سىزىقلىرىغا بىردەك خىروم يالىتىلغان بېزەك قوللىنىلغان، ئاپتوموبىل رازمېرى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك، ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم 4910/1800/1455mm، ئوق ئارىلىقى 2920mm، ھازىرقى ئاپتوموبىل تىپىغا سېلىشتۇرغاندا ئاز-تولا ئەلالاشتۇرۇلغان. ئاپتوموبىل رەڭگى جەھەتتە، كۆك رەڭ، قارا رەڭ، ئاق رەڭ، كۈمۈش رەڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە خىل ئۆلچەمدىكى ئاپتوموبىل رەڭگى تەمىنلەنگەن، بىرلا ۋاقىتتا يەنە قىزىل رەڭ قاتارلىق ئالتە خىل زاكاسلىق رەڭگى تەمىنلەنگەن.

    سىپورت نۇسخىسى

    ھەشەمەت نۇسخىسى

    ئىچكى بېزىكى جەھەتتە، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ لايىھەسىنى داۋاملاشتۇرغان، ھازىرقى ئاپتوموبىل تىپىغا سېلىشتۇرغاندا نۇرغۇن ئىنچىكە ھالقىلاردا ئاز-تولا تەڭشەش قىلغان، ئەڭ يېڭى كۆپ ئىقتىدارلىق رول، قوش يۇمىلاق شەكىلدىكى پىرىبور تەخسىسى، لەيلىمە شەكىللىك+ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى مەركىزىي كونترول قوش ئېكران قاتارلىقلار ماسلاشتۇرۇلغان. 

    ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا 2.0T、2.5Lلىق ئارىلاش ماتورلۇق ۋە 3.5Lلىق ئارىلاش ماتورلۇق ئۈچ خىل نۇسخىسى تەمىنلەنگەن. 2.0Tلىق ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 245 ئات كۈچى، تولغىنىش مومېنتى 350 نيۇتون مېتىر، سەككىز خوتلۇق ئاپتوماتىك تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان. 2.5Lلىق ئارىلاش ماتور سىستېمىسىدىكى ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 184 ئات كۈچى، تولغىنىش مومېنتى 221 نيۇتون مېتىر، ئېلېكتىر ماتورنىڭ قۇۋۋىتى 143 ئات كۈچى، سىستېمىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەڭ يۇقىرى قۇۋۋىتى 226 ئات كۈچى، 3.5Lلىق ئارىلاش ماتورلۇق سىستېمىدىكى ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 299 ئات كۈچى، تولغىنىش مومېنتى 356 نيۇتون مېتىر، ئېلېكتىر ماتورنىڭ قۇۋۋىتى 180 ئات كۈچى، سىستېمىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 359 ئات كۈچى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 2.5Lلىق ئارىلاش ماتورلۇق ئاپتوموبىل تىپىغا يەنە تۆت چاقتىن قوزغىلىدىغان نۇسخىسى تەمىنلەنگەن.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك