• ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رەئىسى: نىشانىمىز تۆت كۈچلۈككە كىرىش

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-11 03:59
  • ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رەئىسى: نىشانىمىز تۆت كۈچلۈككە كىرىش

    ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاپىيا يېقىندا ئوچۇق قىلىپ، تۆت كۈچلۈككە كىرىشنىڭ ئارگېنتىنا كوماندىسىغا نىسبەتەن يامان ئەمەس نىشان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

    سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىكى ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 2-لىكىگە ئېرىشكەن ئارگېنتىنا كوماندىسى بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كوماندىلارنىڭ بىرى دەپ قارالدى.

    تاپىيا: «تۆت كۈچلۈككە كىرىش يامان ئەمەس نەتىجە. مېسسى ئارگېنتىنا پۇتبولچىلىقىغا نۇرغۇن تۆھپە قوشتى. ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئىلگىرىلىشىمۇ بىزدە مېسسىدەك دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچى بولغانلىقىدىن بولدى، ئۇ ھەر جەھەتتىن ئارگېنتىنا پۇتبولچىلىقىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتتى» دېدى.

    بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى تۇنجى مەيداندا ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن، كەينىدىن كىرودىيە ۋە نىگېرىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك