• سېمىزلەرنىڭ ھېسسىياتىنى باشتىن كەچۈرگەن تىرېنېر ئورۇقلاشنىڭ ياخشى ئامالىنى تاپتى

  • يوللىغۇچى : dilxat
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-11 03:36
  • سېمىزلەرنىڭ ھېسسىياتىنى باشتىن كەچۈرگەن تىرېنېر ئورۇقلاشنىڭ ياخشى ئامالىنى تاپتى

    بەدەن چېنىقتۇرۇش تىرېنېرلىرى ئادەتتە ئورۇقلاشقا موھتاج خېرىدارلارغا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن بەدەن چېنىقتۇرۇش تىرېنېرلىرىنىڭ سەمىرىپ كەتكەنلىك كەچۈرمىشى بولمىغاچقا، ئۇلار سەمىرىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرغاندا زادى نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. 

    بۇ 175 كىلوگىراملىق ئەرنىڭ ئىسمى سېتىۋارت بولۇپ، ئۇ ئاللىقاچان نۇرغۇن بەدەن چېنىقتۇرۇش تىرېنېرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئورۇقلاش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا مەغلۇپ بولغان. شۇڭا ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ شەخسىي تىرېنېرى پېتىرسىندىن ياردەم تەلەپ قىلدى، ئىلگىرى پېتىرسىن يۈزدىن ئارتۇق ئورۇقلاش نىيىتى بار كىشىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۇرادىغا يەتكۈزگەن تىرېنېر ئىدى. 

    پېتىرسىن بەدەن شەكلى ئىنتايىن قاملاشقان تىرېنېر. ئىلگىرى گەرچە ئۇنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش جەھەتتىكى تەجرىبىسى ناھايىتى مول بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سېمىزلەرنىڭ پىسخىكىسىنى چۈشەنمىگەچكە، ئۇلارغا بىر ئاي مەشىق ئېلىپ بېرىپ، ھېچقانداق ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بايقىغان ئىدى. شۇڭا پېتىرسىن مەشىقتىن ۋاز كېچىپ، تۆت ئايلىق «سەمىرىش پىلانى» تۈزۈپ، سېمىزلەرنىڭ كۆڭلىدە ھەقىقىي ئويلايدىغىنىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى باشتىن كەچۈرۈپ بېقىشنى قارار قىلدى. 

    ئۇ تۆت ئاي يۇقىرى ئىسسىقلىقتىكى يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلدى. ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى 6000 كالورىيەدىن ئاشاتتى. تۆت ئايدىن كېيىن ئۇ سېتىۋارت بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا، سېتىۋارت ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ ھەيران قېلىپ قېتىپ قالدى. 

    سېتىۋارت ئۆزىنىڭ بۇ شەخسىي تىرېنېرىنىڭ 30 كىلوگىرام سەمىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭمۇ سېمىزلەر قاتارىغا كىرىپ ئورۇقلاشقا موھتاج «ھەمراھ» بولغانلىقىدىن خۇشال بولدى.

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىنىڭ ئورۇقلاش پىلانىنى رەسمىي تۈزۈپ چىقىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر سائەت ئەتراپىدا بەدەن چېنىقتۇرۇشنى پىلانغا ئالدى.

    ئۇلار بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئەمدىلا باشلىغاندا پۇتبول مەيدانىدا ئۆمىلەش ھەرىكىتىنى قايتا-قايتا مەشىق قىلدى. بۇ جەرياندا سېتىۋارت 10 مېتىر ئۆمىلىمەيلا، ھاسىراپ ئارام ئالماقچى بولدى. بۇ ۋاقىتتا تىرېنېر ئۆزىنى نەچچە يۈز مېتىر مېڭىۋېتەلەيمەن دەپ قارىغان ئىدى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، 20 مېتىر ئۆمىلىمەيلا ئۇ سۈرەتتىكىدەك بولۇپ كەتتى. 

    ئىلگىرى بۇ ھەرىكەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى ئاددىي ھېسابلىناتتى. ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت ھەرىكەت قىلمىغاچقا، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ماي مىقدارى قوشۇلۇپ، پېتىرسىن ئانچە ئۇزۇن ئۆمىلىمەيلا چىدىماي قالدى. ئۇ بىر سېمىز كىشىگە ئايلانغاندىن كېيىن ئاندىن سېمىزلەرنىڭ قەلب دۇنياسىنى چۈشەنگەندەك بولدى. ئۇ ھەتتا ھەرىكەت ئەمدىلا باشلانغان ۋاقىتتا ۋاز كېچىشنى ئويلىدى. 

    بولۇپمۇ يۈگۈرگەن ۋاقىتتا، ئىلگىرى ئەركىن ئازادە ھالدا يەتتە-سەككىز كىلومېتىر يۈگۈرگەن بولسا، ھازىر بىر مەيدان يۈگۈرمەيلا نەپىسى قىسىلىپ بىئارام بولدى. ئەمما ئۇ بۇ ئازابلارغا چىداپ مەشىقنى داۋاملاشتۇردى. چۈنكى ئۇ بەزىدە ئۆزىنىڭ خېرىدارى بولغان سېتىۋارتقا مەدەت بەرمىسە بولمايتتى.

    ئۇلار بىرلىكتە 10 ئاي جاپالىق مەشىق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇ جەرياندا سېتىۋارت 72 كىلوگىرام ئورۇقلىدى. پېتىرسىنمۇ ئىلگىرىكى مۇسكۇللۇق ھالىتىگە قايتىپ كەلدى.

    بۇ قېتىمقى ئورۇقلاش جەريانى پېتىرسىننىڭ تىرېنېرلىق ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم تەجرىبە بايلىقى بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن بەدەن چېنىقتۇرۇش تىرېنېرلىرى سېمىزلەرنىڭ ھېسسىياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ بېقىشى كېرەك. سېمىزلەرنىڭ بەدىنىدىكى مايلار خۇددى بەدىنىگە نەچچە كىلوگىرام تاش ئېسىۋالغاندەك، ئۇلارنىڭ چېنىقىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا شەخسىي تىرېنېرلار ئۇلارنىڭ بۇ پىسخىكىسىنى باشتىن كەچۈرۈپ بېقىشى، ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسى بىلەن ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى سېلىشتۇرماسلىقى، ئۇلارنى ھورۇن دەپ كەمسىتمەسلىكى، ئۇلارنى چۈشىنىشى كېرەك.

    مەنبەسى :sina.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك