• پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى رۇسىيەگە يېتىپ باردى

  • يوللىغۇچى : dilxat
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-11 03:47
  • پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى رۇسىيەگە يېتىپ باردى

    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى ئەزالىرى رۇسىيەگە يېتىپ باردى، 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ئايدرومدا پەيدا بولۇشى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، كاستيۇم-بۇرۇلكا كىيگەن ھالەتتە ئايروپىلاندىن چۈشكەن، كېلىشكەن كوماندا ئەزالىرى خۇددى مودېللارغا ئوخشاش سالاپىتىنى نامايەن قىلدى، قارا كۆزەينەك تاقىغان كىرىستيانو رونالدو ھەممىنىڭ دىققىتىنى بەكرەك تارتتى، 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە B گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن پورتۇگالىيە كوماندىسى، 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ماراكەش كوماندىسى بىلەن، 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىران كوماندىسى بىلەن گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئوينايدۇ، دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇرۇنقى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىلىرىدە نەتىجىسى مەستانىلىرىنى رازى قىلغۇدەك دەرىجىدە بولغان پورتۇگالىيە كوماندىسى، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىمۇ مەستانىلىرىنى نائۈمىد قويمايدۇ، ئەلۋەتتە. بىز رونالدو باشلامچىلىقىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسىغا ئۇتۇق ھەم ئامەت تىلەيمىز.

    مەنبەسى :sohu.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك