• ناچو: دۇنيا لوڭقىسىدا رونالدو بىلەن رىقابەتلىشىشكە تەقەززا بولۇۋاتىمەن

  • يوللىغۇچى : ئەكبەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-11 03:28
  • ناچو: دۇنيا لوڭقىسىدا رونالدو بىلەن رىقابەتلىشىشكە تەقەززا بولۇۋاتىمەن

    تۇنېس كوماندىسى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ناچو تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئىسپانىيە كوماندىسى ۋە خانلىق مادرىدتىكى سەپدىشى رونالدو توغرىلىق توختالدى.

    ناچو: «دۇنيا لوڭقىسىدىكى رەقىبلىرىمىز بار كۈچى بىلەن بىزنى مەغلۇپ قىلىشقا تىرىشىدۇ، بۈگۈنكى تۇنېس كوماندىسى مۇداپىئە قىلىشقا ماھىلراق كوماندا، شۇڭا توپ كىرگۈزمەك تەسكە چۈشتى، ھەممە ئىشلار ئىزىغا چۈشۈۋېلىشتىن بۇرۇن بۇ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ ئىپادىمىز ئەڭ ياخشى بولغان بىر مەيدان مۇسابىقە ئەمەس، لېكىن شۇنداق تۇرۇپمۇ غەلبىگە ئېرىشكىنىمىز ئىنتايىن ياخشى سىگنال.»

    «كوماندىدا رونالدودەك بىر توپچىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن تەلەيلىك ھەم پايدىلىق ئىش، لېكىن ئەمدى بىز رەقىب سالاھىيىتىدە رىقابەتلىشىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ ئىپادىسىنى چەكلىشىمىز كېرەك، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى، ئەگەر بىز تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلەلەيمىز.»

    «رونالدو ئادەتتە بىر ئىشلارغا ئىنتايىن سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇنىڭ كۇلۇب بىلەن بولغان توختام مۇددىتى تېخى ئاخىرلاشمىدى، مەن ئۇنىڭ بىز بىلەن بىللە خانلىق مادرىد ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

    «لوپېتېگۇ مېنىڭ كوماندىدا پۇت تىرەپ تۇرغىدەك ئەمەلىي كۈچىم بارلىقىنى بىلىدۇ، مەن تەييارلىنىپ بولدۇم، ھەممەيلەن مېنىڭ ئوتتۇرا بېك ئورنىنى ئويناشقا ئامراقلىقىمنى بىلىدۇ، لېكىن نۇرغۇن مۇسابىقىلەردە ئوڭ بېك ئورنىدا مەيدانغا چىقىمەن، بۇ قېتىم رونالدو بىلەن رىقابەتلىشىش پۇرسىتىمنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

    «توپچىلارنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى، گەرچە ھازىرقىسى دوستلۇق مۇسابىقىلىرى بولسىمۇ لېكىن ھەممەيلەن يېڭىشنى ئويلايمىز، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە ئىشەنچىمىز بار، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە بىز رونالدو بىلەن رىقابەتلىشىدىغانلىقىمىزنى دېيىشكەن، ھەممەيلەن پورتۇگالىيەنى يېڭىپ ئۈچ نومۇرنى قولغا كەلتۈرىدىغىنىمىزغا ئىشىنىدۇ.»

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك