• خانلىق مادرىدنىڭ رونالدوغا سۇنغان يېڭى توختامى: 25 مىليون مائاش + يەتتە مىليون مۇكاپات

  • يوللىغۇچى : subi
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-11 03:54
  • خانلىق مادرىدنىڭ رونالدوغا سۇنغان يېڭى توختامى: 25 مىليون مائاش + يەتتە مىليون مۇكاپات

    ئىسپانىيە تاراتقۇسى «كوپې رادىيو ئىستانسىسى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە خانلىق مادرىد بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىش ھالىتىدە بولسىمۇ، لېكىن خانلىق مادرىد يەنىلا كىرىستىيانو رونالدونى تۇتۇپ قېلىشنى ئويلايدىغان بولۇپ، ئۇلار كىرىستىيانو رونالدوغا يېڭى توختام سۇنغان، بۇ توختامدا كىرىستىيانو رونالدونىڭ يىللىق مائاشى 25 مىليون ياۋروغا يەتكەن بولۇپ، يەنە يەتتە مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللارلىق مۇكاپات ماددىسىمۇ بار ئىكەن.

    كىرىستىيانو رونالدو ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن كېيىن تاراتقۇلارغا ئۆزىنىڭ خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى پۈتكۈل پۇتبول دۇنياسىدا زور تەسىر قوزغاپ كەلدى. زىدانىنىڭ ئىستېپا بېرىشى ۋە نېيمارنىڭ خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇشى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار كىرىستىيانو رونالدونىڭ خانلىق مادرىدتىن كېتىش نىسبىتىنى چوڭايتقان بولۇپ، كىرىستىيانو رونالدومۇ توختام مەسىلىسى ئۈستىدە كۇلۇبنىڭ «ئوينىتىشى»غا ئۇچرىغانلىقىدىن ئىنتايىن نارازى بولغان.

    ئىگىلىنىشىچە، خانلىق مادرىد رەئىسى فىلورىنتىنو بۇلتۇرقى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن كېيىن كىرىستىيانو رونالدونىڭ مائاشىنى 30 مىليون ياۋروغا ئۆستۈرۈشكە ۋەدە قىلغان بولۇپ، لېكىن بۇ ۋەدە بىر يىلدىن كېيىنمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان. كىرىستىيانو رونالدونىڭ ھازىرقى مائاشى 21 مىليون ياۋرو بولۇپ، نېيمارنىڭ 37 مىليون، مېسسىنىڭ 40 مىليون ياۋرودىن ئاشقان.

    كىرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ كۇلۇبقا قوشقان تۆھپىسى ۋە پۇتبول ساھەسىدىكى ئورنىغا قارىغاندا مېسسى بىلەن نېيماردىن بۇنچە پەرقلەنمەسلىكى كېرەك دەپ قارىغان. «كوپې رادىيو ئىستانسىسى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، خانلىق مادرىد كىرىستىيانو رونالدو ئۈچۈن يېڭى توختام تەييارلىغان بولۇپ، لېكىن يىللىق مائاشى پەقەتلا تۆت مىليون ياۋرو ئۆسكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يەتتە مىليون 500 مىڭ ياۋرولۇق مۇكاپات ماددىسى قوشۇلغان، بۇ مۇكاپات ماددىسىدا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولسا ئىككى مىليون ياۋروغا، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولسا بىر مىليون 500 مىڭ ياۋروغا، شاھلىق لوڭقىسىدا چېمپىيون بولسا بىر مىليون ياۋروغا، ئالتۇن توپ ۋە دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشسە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر مىليون ياۋروغا، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنى بولسا ھەمدە بەلگىلىك مۇسابىقە مىقدارىنى تاماملىسا 500 مىڭ ياۋروغا ئېرىشىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.

    بۇنداق بولغاندا، كىرىستىيانو رونالدو ئۈچ شاھلىقنى، ئالتۇن توپ ۋە دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرسە، شۇنداقلا بەلگىلىك مىقدارنى مۇسابىقىلەرگە قاتناشسا، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنى بولسا ئاندىن 32 مىليون 500 مىڭ ياۋرولۇق يىللىق مائاشقا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ يەنىلا نېيمار ۋە مېسسىنىڭ يىللىق مائاشىدىن تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خانلىق مادرىدنىڭ بۇ تەلەپلىرى ئىنتايىن قاتتىق، كىرىستىيانو رونالدو بۇ توختامنى قوبۇل قىلغان تەقدىرغىمۇ بۇ ماددىلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىنتايىن تەس.

    مەنبەسى :sohu.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك