• 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە دىققەت قىلىشىڭىزغا ئەرزىيىدىغان ساھىبجاماللار

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-14 12:33
  • 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە دىققەت قىلىشىڭىزغا ئەرزىيىدىغان ساھىبجاماللار

    پۇتبولنىڭ تارىخى ئۇزۇن ۋە ئەڭ كۆپ مەستانىلىرىگە ئىگە بىر تۈرلۈك تەنھەرىكەت بولۇپ، 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئەتە رۇسىيەدە باشلىنىدۇ، رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ پۇتبول كوماندىسى، يېڭى تەنتەربىيە مەيدانى، قالتىس پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە پۇتبول مەستانىلىرىدىن باشقا، يەنە دۇنيا لوڭقىسى ساھىبجاماللىرىمۇ بار. رۇسىيە تاراتقۇلىرى 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيىدىغان بىر قانچە پۇتبول ساھىبجاماللىرىنى رەتلەپ چىقتى.

    ۋىكتورىيە لوپىررېۋا 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى ساھىبجامال تەشۋىقات ئەلچىسىنىڭ بىرى بولۇپ، شۇنداقلا سابىق رۇسىيە خانقىزى، بەدەن شەكلى ئاتتەك، جامالى ئايدەك چىرايلىق. رۇسىيەنىڭ ئۇنى تاللىشىمۇ پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە رۇسىيەنىڭ ساھىبجاماللار چىقىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكچى بولغانلىقىدىندۇر.

    شاكىرا ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ مۇداپىيەچىسى پىكنىڭ ئايالى. ئۇ قايناق قىزغىنلىققا تولغان پۇتبول مەستانىسى. سىز بەلكىم ئىسپانىيەنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى مۇسابىقىلەردە ئۇنى كۆرۈپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

    كىسېنىيا كوۋالېنكو رۇسىيە دۆلەت كوماندىسى ئاياللار كوماندىسىنىڭ مۇداپىيەچىسى، داڭلىق پۇتبول چولپىنى. ئۇ ئىزچىل ئەرلەر كوماندىسىنى قوللاپ كەلگەن، بۇ قېتىممۇ دۇنيا لوڭقىسىنى كۆرۈپ، دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن مەدەت بېرىدۇ.

    ئالېسساندىرا ئامبىروسىيو بىرازىلىيەنىڭ داڭلىق دەرىجىدىن تاشقىرى مودېلى. ئۇ رۇسىيە دۆلەت كوماندىسىنى قىزغىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، رۇسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ پايپىقىنى كىيىپ سۈرەتكە چۈشكەن.

    مارىيا كومماند رۇسىيەنىڭ ساھىبجامال دىكتورى، ئۇنىڭ مەپتۇن قىلارلىق ئاۋازى بىلەن گۈزەل تاشقى قىياپىتى ھەتتا مىسىر، ئۇرۇگۋاي قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇتبولچىلارنى جەلپ قىلغان. مەستانىلەرمۇ ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. يەنە كېلىپ، ئۇنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىمۇ كۆرۈرمەنلەرنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

    ناتالىيا ئورىئو لاتىن ئامېرىكا گىرەممىي مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئىلگىرى ئۈچ خىل تىلدا دۇنيا لوڭقىسىغا ئائىت ناخشا يازغان. پۇتبول مەستانىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ناتالىيا مۇددەتتىن بۇرۇن رۇسىيەگە يېتىپ كەلدى.

    دارىيا لېئائېۋا پۇتبول تەنھەرىكەتچىسىنىڭ ئەڭ گۈزەل سۈرىتىنى سىزىپ چىققان. بۇ قىزنىڭ تالانتى پۈتۈن دۇنيادىكى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ماختىشىغا، كۆپلىگەن پۇتبول چولپانلىرىنىڭمۇ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

    ئېروئىن سۇلېمانى ياۋوپادىكى ئەڭ گۈزەل مەدەت بېرىش كوماندىسىنىڭ باشلىقى، شىۋېيتسارىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مۇداپىيەچىسى Blerima Jemaliنىڭ ئايالى. يولدىشى قاتناشقان ھەربىر مۇسابىقىگە ئۇ چوقۇم ئىشتىراك قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بالىلىرىنى ئېلىپ مۇسابىقە كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.

    ناتالىيا ۋودىيانوۋامۇ 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى تەشۋىقات ئەلچىسىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ رۇسىيە پۇتبولچىلىقىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە تەشۋىقات ئەلچىسى بولالىغىنىدىن ئىنتايىن خۇشال. تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى ئەتە باشلىنىدۇ، رۇسىيە جەڭگىۋار مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن گەرچە ئۇلار پۇتبولدا ئەڭ قالتىس بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا پەيدا بولىدىغان ھەرخىل ساھىبجاماللار چوقۇم سىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك