• تېڭشۈن يەنە كەڭ كۆلەمدە ئۈندىدار پېچەتلىدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-17 11:33
  • تېڭشۈن يەنە كەڭ كۆلەمدە ئۈندىدار پېچەتلىدى

    6-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ ئۈندىدار ئورگان تەرەپ يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە ئۈندىدار پېچەتلىدى، بۇ قېتىملىق پېچەتلەش ئاساسلىقى ئاندرويىد تېرمىناللىرىغا مەركەزلەشتى. تورداشلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، كۆپىنچىسى ئۈچىنچى تەرەپ كۆپ ئۈندىدار ئېچىش قورالى ئىشلىتىلگەنلىكى ياكى Xposed رامكىسى ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن پېچەتلەنگەن.

    پېچەتلەش سەۋەبى ئەسكەرتمىسىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ ئۈندىدار ئۈندىدار ئۈچىنچى تەرەپ دېتالى، غەيرىي ئورگان تەرەپ تېرمىنالى ياكى تەقلىد قىلغۇچى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، تىزىملىتىپ كىرىشى چەكلەندى، مۇناسىپ قانۇنسىز دېتالنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈۋېتىڭ، ئەگەر داۋاملىق ئىشلەتسىڭىز ئۈندىدارىڭىز مەڭگۈلۈك پېچەتلىنىدۇ.

    ئىگىلىنىشچە، Xposed رامكىسى ئەپنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا پىروگراممىنىڭ قوزغىلىشى (سىستېمىنى ئۆزگەرتىش)غا تەسىر يەتكۈزىدىغان رامكا مۇلازىمىتى بولۇپ، ئۇ ئاساستا كۆپلىگەن كۈچلۈك بۆلەكلەرنى ياساپ چىقىشقا بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىدارى توقۇنۇشۇپ قالغان ئەھۋالدىمۇ ئىجرا بولۇۋېرىدىكەن.

    غەيرىي ئورگان تەرەپ ئۈندىدار تېرمىنالىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن پېچەتلەش تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس. بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 22-كۈنى زور تۈركۈمدىكى تورداشلار مىكرو بىلوگدا ئۆزلىرىنىڭ ئۈندىدارىنىڭ پېچەتلەنگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان، شۇ قېتىمدا مۇنداق ئەسكەرتمە چىققان: «بۇ ئۈندىدار غەيرىي ئورگان تەرەپ تېرمىنالىنى ئىشەتكەنلىكى ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشى ۋاقىتلىق چەكلەندى، ئەگەر داۋاملىق ئىشلەتسىڭىز مەڭگۈلۈك چەكلىنىدۇ.»

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك