• قېرىنداشلار ئارىسىدا مۇنداق تۆت خىل قەرزنى قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-17 11:05
  • قېرىنداشلار ئارىسىدا مۇنداق تۆت خىل قەرزنى قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ

    ھەربىر ئادەمنىڭ ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولىدۇ، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارا ئىناق ئۆتۈشمۇ بىر خىل ئىلىم. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدا تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل قەرزنى قەتئىي قىلماسلىق زۆرۈر.
    1.ئىقتىسادىي قەرز قىلماسلىق
    ئاكا ئۇكىلار ئارىسىدىمۇ ھېسابات ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەر، ھەتتا بىر قورساق قېرىنداشلارمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە قەرز قىلماسلىقى كېرەك، زىددىيەت توقۇنۇشلار ھەمىشە پۇل تەرىپىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
    پۇلنىڭ ئىشىدا مۇناسىۋەت ھەر قانچە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئېنىق ئايرىش كېرەك.
    كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ناھايىتى ياخشى ئۆتىدىغان ئاكا ئۇكىلارمۇ پۇل سەۋەبلىك زىددىيەتلىشىپ قالىدۇ، بۇنداق مىساللار ئاز ئەمەس.
    جۇڭگولۇقلار ئادىمىگەرچىلىكنى مۇھىم بىلىدۇ، شۇڭلاشقا، ھەممە ئىشتا پايدا مەنپەئەتنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشتىن خىجىل بولىدۇ.
    ھەممە ئادەمنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ھەمىشە ئۇنداق مۇنداق ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەركىمنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقىچە خىيالى بولىدۇ. شۇڭلاشقا مۇناسىۋىتى قانچە ياخشى بولغانسېرى، شۇنچە ھەر قانداق گەپنى ئۇدۇل دېيىش كېرەك.
    ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدا پايدا-مەنپەئەتنى دەپ سەتلەشكەندىن كۆرە، ھەر ئىككى تەرەپ ھېساباتنى ئېنىق قىلىپ، ئۆز-ئارا ئارىلاشمىغان ياخشى. تۇغقاندارچىلىقنىڭ يولى بۆلەك، پايدا مەنپەئەتنىڭ يولى ئايرىم.
    2.مەسئۇلىيەت قەرزى قىلماسلىق
    ئادەم ياشقا چوڭايغانسېرى بارا-بارا تۇرمۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدۇ. سىز ئۆيگە قايتقان ۋاقتىڭىزدا بىر ئايالنىڭ ئېرى، بالىنىڭ دادىسى، ئاتا-ئانىنىڭ ئوغلىغا ئايلىنىسىز. ھەر بىر رولىڭىز سىزدىن مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ، بۇ خىل مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىشكە بولمايدۇ. بالىلارغا نىسبەتەن بىز ھامىيلىق مەسۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، بالىلارنى ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن پەرزەنتلىك بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، چوڭلارغا ياخشى قارىشىمىز، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمىز كېرەك. ئايالغا نىسبەتەن ئەر كىشى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان سەمىمىيەت، كەڭ قورساقلىقنى ھازىرلىشىمىز، ئايال بىلەن ھەممە ئىشنى كېڭىشىپ، تۇرمۇشقا بىرلىكتە يۈزلىنىشىمىز كېرەك. قېرىنداشلار ئارىسىدا مەسئۇلىيەت قەرزى قىلماي، ئۆزى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسۇلىيەتنى ئۆزى ئۆتەش، چۇقۇم ياخشى قىلىش زۆرۈر.
    3.ئادىمىگەرچىلىك قەرزى قىلماسلىق
    دۇنيادا ئۆز پەرزەنتىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئاتا-ئانا يوق، قېرىنداشلار ئارىسىدىكى بەدەل شەخسىيەتسىز، ئۆز رازىلىقى بىلەن بولىدۇ. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ جاۋاب قايتۇرۇش زۆرۈر ئەمەس دېگەنلىك بولمايدۇ، بىز مىننەتدار بولۇشنى بىلىشىمىز كېرەك. ھايۋان جېنىدا ئۆز بالىسىنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ، بىز ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تېخىمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. تىلىمىز چىققاندىن باشلاپ مېڭىشنى ئۆگەنگىچە، بىزنىڭ ھەر بىر قەدىمىمىز ئارقىسىغا ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئۈن تىنسىز سىڭدۈرگەن قان تەرى يوشۇرۇنغان. ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىش جەريانىدا سىڭدۈرگەن ئەجرىنى بىر ئۆمۈر قايتۇرۇپ بولالمايمىز، شۇڭلاشقا بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ، پۈتۈن ئۆمرىمىزدە ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.
    4.ۋاقىت قەرزى قىلماسلىق
    ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەردىن كۈتىدىغان ئۈمۈدى ھەرگىزمۇ نام-ئاتاق بولماستىن، ئەكسىچە ساغلاملىق ھەم خۇشال-خۇراملىق. بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال-خۇرام ھالدا بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەممىدىن مۇھىم. پۇل بولمىسا ئۇنى تاپقىلى بولىدۇ، يېقىن قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلسا قايتا بىرگە بولىدىغان پۇرسەت بولمايدۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاغرىق سىلاقسىز، دەرد ئەلەمسىز، خاتىرجەم، ئىناق ھالدا ياشىغاندا قايناقسۇ ئىچسىمۇ شۇنداق تەملىك تېتىيدۇ.
    بىز ئامال بار ۋاقىت چىقىرىپ ئائىلىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ھەمراھ بولۇشىمىز، ئۇلارغا ۋاقىت قەرزى بولماسلىقىمىز كېرەك. ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارغا ھەمراھ بولىدىغان ۋاقىتتا ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالساق، پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالمايمىز.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك