• دۇنيا لوڭقىسى:ئارگېنتىنا 3:0كرودىيە ئارگىنتىنا گۇرۇپپدىن چىقالماسلىقى مۇمكىن

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-22 05:52
  • دۇنيا لوڭقىسى:ئارگېنتىنا 3:0كرودىيە ئارگىنتىنا گۇرۇپپدىن چىقالماسلىقى مۇمكىن


    بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 2:00دە، 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسى تۆۋەنكى نوۋگورۇد توپ مەيدانىدا ئوينالدى، ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن كرودىيە كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن ئېنزو پېرېز قۇرۇق قاپقىغا توپ كىرگۈزەلمىدى، كرودىيە كوماندىسىدىن مانزۇكىچمۇ ياخشى توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتالمىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى ئەجەللىك سەۋەنلىك ئۆتكۈزدى، رېبىك بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزۈپ، كرودىيە كوماندىسىنى مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا مودرىچ بىر توپ كىرگۈزدى، ئەڭ ئاخىرىدا راكىتىچ بىر توپ كىرگۈزۈپ، غەلبىنى مۇقىملىدى، ئاخىرىدا كرودىيە كوماندىسى 0:3 نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
    مۇسابىقە باشلىنىپلا كرودىيە كوماندىسى ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتۈپ، مەيداندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى.
    بەش مىنۇت بولغاندا، كرودىيە كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، پېرسىكنىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ئوڭ تەرەپتىن قاپقىغا تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى.
    13 مىنۇت بولغاندا، ئارگېنتىنا كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، مىزانىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قاپقىغا تەپكەن توپى مۇداپىئەچىنىڭ بەدىنىگە تېگىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.
    22 مىنۇت بولغاندا، ئارگېنتىنا كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئاكۇنانىڭ سول تەرەپتىن پاس تاشلىغان توپى قاپقىنىڭ ئۈستى تۆمۈرىگە تېگىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.
    30 مىنۇت بولغاندا، كرودىيە كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىدە سەۋەنلىك كۆرۈلۈپ، ئېنزو پېرېزنىڭ قۇرۇق قاپقىغا تەپكەن توپى ياندىن سىرتقا چىقىپ كەتتى.
    33 مىنۇت بولغاندا، كرودىيە كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، ۋېرسالكونىڭ پاس بېرىشى بىلەن مانزۇكىچنىڭ قاپقا ئالدىدا ئۈسكەن كاللا توپى ياندىن سىرتقا چىقىپ كەتتى.
    53 مىنۇت بولغاندا، كرودىيە كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىدە ئەجەللىك سەۋەنلىك كۆرۈلۈپ، قاپقىچى توپنى يىراققا تېپەلمىدى، رېبىك بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى ئارگېنتىنا 1:0 كرودىيە.
    64 مىنۇت بولغاندا، ئارگېنتىنا كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، ھىگۇايىننىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە پاس بېرىشى بىلەن مېسسى توپنى قاپقىغا تەپكەن بولسىمۇ، قاپقىچى توپنى توسۇۋالدى.
    80 مىنۇت بولغاندا، كرودىيە كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، كرودىيە كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، مودرىچ سەپدىشى يەتكۈزگەن پاس توپنى چەكلەنگەن رايون سىرتىدا قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى ئارگېنتىنا 2:0 كرودىيە.
    91 مىنۇت بولغاندا، كرودىيە كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى تېخىمۇ چوڭايتتى، كرودىيە كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، راكىتىچنىڭ قاپقىغا تەپكەن توپىنى قاپقىچى توستى، كوۋاچىچ قايتقان توپنى راكىتىچقا پاس يەتكۈزۈپ بەردى، راكىتىچ توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى ئارگېنتىنا 3:0 كرودىيە.
    رىپېرنىڭ پۈشتىكى چېلىنىش بىلەن مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، ئارگېنتىنا كوماندىسى ئويلىمىغان يەردىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، ئاخىرىدا كرودىيە كوماندىسى 0:3 نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇمكىنچىلىكى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك