• ئۈرۈمچى ساي يولى ۋە تاشقى ئايلانما يولىنىڭ تېز يۈرۈش يولىدا ئاستا سۈرئەتتە يول يۈرگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلنۇر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-22 02:30
  • ئۈرۈمچى ساي يولى ۋە تاشقى ئايلانما يولىنىڭ تېز يۈرۈش يولىدا ئاستا سۈرئەتتە يول يۈرگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ

    ۈرۈمچى شەھىرىدە شەھەر تېز سۈرئەتلىك يوللىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى يەنە ھەرىكەتكە كەلدى! قاتناش ساقچىلىرى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ئېلېكتىرونلۇق سۈرەتكە تارتىش ۋە چارلاپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى ساي يولى بىلەن تاشقى ئايلانما يولىنىڭ تېز يۈرۈش يولىنى ئىگىلەپ ئاستا سۈرئەتتە يول يۈرگەن ئاپتوموبىللارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

      مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولى چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، تېز سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچىلىرى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، ساي يولى ۋە تاشقى ئايلانما يولىنىڭ تېز يۈرۈش يولىنى ئىگىلەپ، ئاستا سۈرئەتتە يول يۈرگەن ئاپتوموبىللارنى جازالايدىكەن.

      قاتناش ساقچىلىرى ئېلېكتىرونلۇق سۈرەتكە تارتىش ۋە چارلاپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، يۈك ئاپتوموبىللىرى ۋە چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ تېز يۈرۈش يولىنى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا خىلاپلىق قىلغانلارنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى بەلگىسىنى ئاساس قىلىپ، شوپۇرغا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇش، ئۈچ نومۇر تارتىش جازاسى بېرىدىكەن؛ ئىجتىمائىي ئاپتوموبىللار تېز يۈرۈش يولىنى ئىگىلەپ ئاستا سۈرئەتتە يول يۈرسە، بىخەتەر ھەيدەشكە دەخلى قىلىش قىلمىشى بويىچە 200 يۈەن جەرىمانە قويۇش، ئىككى نومۇر تارتىش جازاسى بېرىدىكەن.

      تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تېز سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچىلىرىنىڭ كۆزىتىپ تەھلىل قىلىشىغا ئاساسەن، ھازىر ئۈرۈمچى ساي يولى بىلەن تاشقى ئايلانما يولىدا بەزى ئاپتوموبىللارنىڭ تېز يۈرۈش يولىنى ئۇزاق ۋاقىت ئىگىلەپ ئاستا سۈرئەتتە يول يۈرۈشى تۈپەيلى تېز يۈرۈش يولىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشى ئاستىلاپ كېتىدىكەن.

      تېز سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى مۇنداق دېدى: «ئادەتتىكى كۆزىتىشىمىزگە ئاساسلانغاندا، تېز يۈرۈش يولىدا ئاستا سۈرئەتتە يول يۈرگەن ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ %70 ~%80 ى كۆڭۈل قويۇپ ئاپتوموبىل ھەيدىمەي، تېلېفون قوبۇل قىلىش، پاراڭلىشىش، بىر نەرسە يېيىشتەك ئىشلار بىلەن تەڭ مەشغۇل بولغان، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى بىخەتەر ھەيدەشكە دەخلى قىلىش قىلمىشلىرى ھېسابلىنىدۇ».

      ساقچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر قاتناش ساقچى تارماقلىرى شەھەر مىقياسىدا يېڭى تەدبىرلەرنى توختىماي يولغا قويۇپ، يوللارنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىۋېتىپتۇ، ساي يولى بىلەن تاشقى ئايلانما يولىمۇ شەھەر ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىشتىكى مۇھىم يول، شۇڭا قاتناش ساقچى تارماقلىرىمۇ بۇ قېتىملىق تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ سىرتقا چىقىش يوللىرىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك