• خوشخەۋەر:شىنجاڭلىق توپچى ئابدۇسالامNBAنىڭ چېمپىيون كوماندىسىغا قاتنىشىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-22 03:33
  • خوشخەۋەر:شىنجاڭلىق توپچى ئابدۇسالامNBAنىڭ چېمپىيون كوماندىسىغا قاتنىشىدۇ

    ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلى مەخسۇس خەۋىرى:NBAمۇخبىرىMichael Scottoنىڭ 22-چىسلا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،جۇڭگو ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭلىق ۋاسكىتبول چولپىنى ئابدۇسالام NBAقەھرىمانلار كوماندىسىغا قوشۇلدى.

     بۇنىڭدىن بورۇنقى 14 كۈن ئىچىدە جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ۋە شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ياش توپچى ئابدۇسالام 14 كۈن ئىچىدە NBAدىكى تور كوماندىسى، كۆل ئادىمى كوماندىسى، تەنھا بۆرە كوماندىسى، بۇغا كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى، جاز كوماندىسى قاتارلىق سەككىز كوماندىدا سىناق مەشىق قىلغان. بۈگۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار  بەس-بەستە ئابدۇسالامنىڭ NBA بىرلەشمىسىدىكى قەھرىمانلار كوماندىسىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ خەۋەر قىلىشقا باشلىدى. 


    ئابدۇسالام بۇ يىل 21 ياش بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى 2.02 مېتىرغا يەتكەن، مەيداندىكى ئورنى كىچىك ھۇجۇمچى. ئۇ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى CBA بىرلەشمىسىدە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيداندا 19.1 مىنۇت توپ ئويناپ، 6.8 نومۇر، 4.1 گاردىن قايتقان توپ ئالغان ھەمدە 0.7 ياردەمچى پاس بەرگەن. ئابدۇسالامنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇ يادرولۇق توپچى ئەمەس، بەلكى كۆپ ئىقتىدارلىق توپچى، توپنى تۇتۇش ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە، لېكىن ياتقان بۆلەك ناھايىتى مۇقىم، ئۆزىدىن ئېغىر تۆتىنچى نومۇرلۇق ئۇرۇندىكى توپچىلار بىلەن بەدەن تالىشالايدۇ، بېلىكى ئارقىلىق گارغا توپ تاشلاشقا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ۋاسكېتبول ئەقىل بۆلۈنمىسى ناھايىتى يۇقىرى، توپ رىتىم تۇيغۇسى ۋە قۇرۇق كېسىش ئىقتىدارلىرىنىڭ ھەممىسى CBA بىرلەشمىسىدە يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارشىلىشىش ئىقتىدارى يامان ئەمەس، قارشى تەرەپ قانچە سەۋىيەلىك بولسا ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرىمۇ شۇنچە نامايەن بولىدۇ

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك