• سەل تۇرۇپ پورتۇگالىيە vs ئىران مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە ئۇيغۇرچە تارقىتىلىدۇ

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-25 09:06
  • سەل تۇرۇپ پورتۇگالىيە vs ئىران مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە ئۇيغۇرچە تارقىتىلىدۇ

    بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر سائەت 2:00دە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانمىسىدا پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن ئىران كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقە ئىككى كوماندىغا نىسبەتەن ئوخشاشلا ئىنتايىن ھالقىلىق مۇسابىقە بولۇپ، ئۇتتۇرۇۋەتسىلا شاللىنىپ كېتىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدو باشچىلىقىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسى غەلىبە قىلىپ قالسا گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇپ چىقىش مۇمكىنچىلىقى بىر قەدەر يۇقىرى.

    مۇسابىقە خاراكتېرى: 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانمىسى

    مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر سائەت 2:00

    مۇسابىقە ئورنى: موردوۋىئا ئاتلېتكا مەيدانى



    بۇ مۇسابىقىدىكى كۆرۈش نۇقتىلىرى:

    1. پورتۇگالىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇشنى نىشانلىدى

    گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايلانمىسىدىن كېيىن، پورتۇگالىيە كوماندىسى بىر قېتىم غەلىبە قىلىپ، بىر قېتىم تەڭلىشىپ تۆت نومۇرغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن بىرگە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. ئۇلار گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى ئاخىرقى ئايلانمىدا ئىران كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، پورتۇگالىيە كوماندىسى بۇ مۇسابىقىدە پەقەت تەڭلەشسىلا گۇرۇپپىدىن چىقالايدىغان بولۇپ، لېكىن گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىش ئۈچۈن چوقۇم ئىران كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشى ھەمدە ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن ماراكەش كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى ساقلىشى كېرەك. ئەگەر پورتۇگالىيە كوماندىسى بۇ مۇسابىقىدە ئىران كوماندىسىغا ئۇتتۇرسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئىسپانىيە كوماندىسى ماراكەش كوماندىسىغا ئۇتتۇرغان ئەھۋال ئاستىدىلا 16 كۈچلۈككە كىرەلەيدۇ، بولمىسا شاللىنىپ كېتىدۇ.

    ئىران كوماندىسىمۇ 16 كۈچلۈكنى نىشانلىماقتا

    ئىران كوماندىسى ئالدىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە بىر قېتىم ئۇتقان ھەمدە بىر قېتىم ئۇتتۇرغان بولۇپ، ئاخىرقى ئايلانمىدا ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئىران كوماندىسى 16 كۈچلۈككە كىرمەكچى بولىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇلار چوقۇم پورتۇگالىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ قالسا، ئىران پەقەتلا ئىسپانىيە كوماندىسى ماراكەش كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئەھۋال ئاستىدىلا 16 كۈچلۈككە كىرەلەيدۇ، ئەگەر پورتۇگالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرسا بىراقلا شاللىنىپ كېتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي كۈچىدە پەرق بولغاچقا، بۇ مۇسابىقىدە ئىران كوماندىسى مۇتلەق مۇداپىئە قىلىش ئارقىلىق پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۇجۇم پۇرسىتى ئىزدەيدۇ.

    كىرىستىيانو رونالدو دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇدا ئۈچ مەيدان توپ كىرگۈزمەكچى

    بۇ مۇسابىقىدىكى يارقىن نۇقتا يەنىلا كىرىستىيانو رونالدو، ئۇ ئالدىنقى ئىككى ئايلانمىدا تۆت توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ تۆت نومۇرغا ئېرىشىشىگە زور تۆھپە قوشقان. ئۇ ھازىر پۇسكاستىن ئېشىپ ياۋروپا دۆلەت كوماندىلىرىدىكى بىرىنچى مەرگەنگە ئايلاندى، دۇنيا رەت تەرتىپىدىمۇ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدونىڭ ۋەزىپىسى يەنىلا توپ كىرگۈزۈش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىپادىسى پورتۇگالىيە كوماندىسىغا نىسبەتەن ھالقىلىق نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.

    4. تارىختىكى نەتىجە

    ئىككى تەرەپ A دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە پەقەت ئىككى قېتىملا مۇسابىقىلىشىپ باققان بولۇپ، پورتۇگالىيە كوماندىسى ئىككى قېتىم غەلىبە قىلغان ھەمدە بەش توپ كىرگۈزۈپ، بىر توپمۇ كەتكۈزمىگەن. ئۇلارنىڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق مۇسابىقىسى 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پورتۇگالىيە كوماندىسى 0:2 نەتىجە بىلەن ئىران كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك