• ئالدىنقى چېمپىيون گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىدىن شاللىنىپ كەتتى كورىيە2 گېرمانىيە0

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-28 12:40
  • ئالدىنقى چېمپىيون گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىدىن شاللىنىپ كەتتى كورىيە2 گېرمانىيە0

    ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلى خەۋىرى:6-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ 22:00دىكى رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى F گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئايلانمىسىدا، گېرمانىيە كوماندىسى كورېيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا نويېر جۇڭ يوۋوڭنىڭ ئىختىيارىي توپىنى توسىۋالدى، سون خيۇڭمېن ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى، يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقتىدا كورېيە كوماندىسىدىن سون خيۇڭمېن بىلەن كىم يوڭ ۋون بىردىن توپ كىرگۈزۈپ، كورېيە كوماندىسى 2-0 نەتىجىدە غەلبە قىلدى. يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە شۋېتسىيە كوماندىسى 3-0 نەتىجىدە مېكسىكا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاچقا، گېرمانىيە كوماندىسى ۋە كورېيە كوماندىسىنىڭ ھەر ئىككىسى شاللىنىپ كەتتى.


    مۇسابىقىنىڭ 8-مىنۇتىدا، كورېيە كوماندىسىدىن جۇڭ يوۋوڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغاچقا سېرىق كارتا جازاسى بېرىلدى. مۇسابىقىنىڭ 19-مىنۇتىدا كورېيە كوماندىسى ئىختىيارىي توپقا ئېرىشتى، نويېر جۇڭ يوۋوڭ بىۋاستە تەپكەن ئىختىيارىي توپنى تۇتىۋالماقچى بولغاندا توپ قولىدىن چىقىپ كەتتى، بىراق نويېر دەرھال سون خيۇڭمېن تەپمەكچى بولغان توپنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 23-مىنۇتىدا، كورېيە كوماندىسىدىن لى جاسوڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغاچقا سېرىق كارتا جازاسى بېرىلدى. مۇسابىقىنىڭ 24-مىنۇتىدا كورېيە كوماندىسى ئىختىيارىي توپقا ئېرىشتى، بىراق سون خيۇڭمېن چەكلەنگەن رايوندا تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى.

    مۇسابىقىنىڭ 39-مىنۇتىدا گېرمانىيە كوماندىسى بۇلۇڭ توپ باشلىدى، گورېزتكانىڭ كاللا توپى چەكلەنگەن رايوننىڭ ئوتتۇرىغا چۈشتى، ۋېرنېر چىقىپ كېتىش ئالدىدىكى توپنى توسىۋالدى، خۇممېلىس ئىككى بېكنىڭ ئوتتۇرسىدىن توپنى ئېلىپ چىقىۋاتقاندا كورېيە كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى توپنى تۇتىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 43-مىنۇتىدا گورېزتكا ئوڭ تەرەپتىن پاس تاشلىدى، ھېكتور كاللا توپتا پاس چىقاردى، ۋېرنېر توپنى قاپقىغا تەپمەكچى بولغاندا، باش رېپىر ھېكتورنى ئورۇن ھالقىدى دەپ پۇشتەك چالدى. يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

    مۇسابىقىنىڭ 46-مىنۇتىدا، نويېر سون خيۇڭمېننىڭ يىراقتىن تەپكەن توپىنى تۇتىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 47-مىنۇتىدا، كورېيە كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى گورېزتكانىڭ كاللا توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 48-مىنۇتىدا، كورېيە كوماندىسىدىن ۋېن سونمىن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغاچقا سېرىق كارتا جازاسى بېرىلدى. مۇسابىقىنىڭ 50-مىنۇتىدا، ۋېرنېر تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 57-مىنۇتىدا، گومېز قېدرا بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقىنىڭ 59-مىنۇتىدا ئۆزىل توپنى چەكلەنگەن رايونغا تاشلىدى، بىراق ۋېرنېر توپقا ئۈلگۈرەلمىدى. مۇسابىقىنىڭ 61-مىنۇتىدا ئۆزىل پاس چىقاردى، بىراق كروس تەپكەن توپ چەكلەنگەن رايوندىكى ۋېرنېرغا تېگىپ چىقىپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 62-مىنۇتىدا، موللېر گورېزتكا بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا ئۆزىل بۇلۇڭ توپ باشلىدى، بىراق ۋېرنېر تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 67-مىنۇتىدا، سون خيۇڭمېن چەكلەنگەن رايوندا يالغان يىقىلغاچقا سېرىق كارتا جازاسى بېرىلدى. مۇسابىقىنىڭ 68-مىنۇتىدا كورېيە كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى گومېزنىڭ كاللا توپىنى توسىۋالدى.

    مۇسابىقىنىڭ 69-مىنۇتىدا، كروس يىراقتىن تەپكەن توپ قاپقا ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 74-مىنۇتىدا كروس بۇلۇڭ توپ باشلىدى، بىراق كورېيە كوماندىسىنىڭ بېكى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 77-مىنۇتىدا كروس بۇلۇڭ توپ باشلىدى، بىراق كورېيە كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى تۇتىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 78-مىنۇتىدا، سون خيۇڭمېن يىراقتىن تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 82-مىنۇتىدا، رىئۇس تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 84-مىنۇتىدا، كىممىچ تەپكەن توپ قاپقا ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 86-مىنۇتىدا ئۆزىل توپنى چەكلەنگەن رايونغا تاشلىدى، بىراق خۇممېلىسنىڭ كاللا توپى قاپقا ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى.


    مۇسابىقىنىڭ 87-مىنۇتىدا، قاپقىچىسى كروسنىڭ توپىنى تۇتىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 90-مىنۇتىدا كورېيە كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزدى، رېپىر سىن ياردەمچىسىنى كۆرۈپ نەتىجىنى مۇقۇملاشتۇردى.



     مۇسابىقىنىڭ 95-مىنۇتىدا كورېيە كوماندىسىدىن سون خيۇڭمېن بىر توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا كورېيە كوماندىسى 2-0 نەتىجىدە غەلبە قىلدى. يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە شۋېتسىيە كوماندىسى 3-0 نەتىجىدە مېكسىكا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاچقا، گېرمانىيە كوماندىسى ۋە كورېيە كوماندىسىنىڭ ھەر ئىككىسى شاللىنىپ كەتتى.

    مەنبەسى :دوڭچىيۇدى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00