• ھېچكىمنىڭ كۆزىگە قارىماي ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر قېتىم ياشاپ بېقىڭ

  • يوللىغۇچى : dilara
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-03 12:32
  • ھېچكىمنىڭ كۆزىگە قارىماي ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر قېتىم ياشاپ بېقىڭ

    ھاياتلىقتا شۇنداق بىر مەزگىللەر بولىدۇ: بىر ئۇخلاپ قوپۇپ تۇنجى تال ئاق چاچنىڭ ئۆسۈپ چىققانلىقىنى بايقايمىز؛ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن بۇرۇنقىدىن بەكرەك ھارغىنلىق ھېس قىلىمىز؛ بايام ئويلىغان نەرسىنى بىردەمدىلا ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويىمىز؛ نەچچە قەدەم ماڭمايلا ھاسىراپ قالىمىز؛ قورۇقلار يۈزىمىزگە ئىزنالىرىنى قالدۇرىدۇ؛ بالىلىرىمىز بارا-بارا چوڭ بولىدۇ، بىزدىن بارا-بارا يىراقلىشىدۇ.

    بۇ چاغدا ئۆزىمىزگە قېرىلىق يەتكىنىنى ھېس قىلىشقا باشلايمىز. تىت-تىت بولىمىز، ئالاقزادە بولىمىز، گاڭگىراپ قالىمىز، بۇ رېئاللىقنى قانداق يوسۇندا قوبۇل قىلىشنى بىلەلمەي قالىمىز. ئەينەككە قارىغاندا ياش ۋاقىتتىكى ھالىتىمىز يادىمىزغا كېچىدۇ. بەدىنىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى سىغدۇرالماسلىقىدىن ئەنسىرەيمىز. ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارماي تۇرۇپ مۇشۇنداقلا كېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمىز، بۇ دۇنيانىڭ بىزنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمىز. ئائىلىدىكىلىرىمىزنى قوغدىغۇدەك كۈچ-قۇدرىتىمىزنىڭ قالماسلىقىدىن ئەنسىرەيمىز، يالغۇز قېلىشتىن قورقىمىز، ئۆلۈمدىن قورقىمىز.

    مەيلى قانداق قىلايلى بۇ رېئاللىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز، ئۆلۈم خۇددى سايىدەك بىزنى ئەگىپلا يۈرۈيدۇ، بىز ئۇنىڭ بىلەن مۆكۈشمەك ئوينىغان بىلەن ئۇنىڭ سىزنى تاپقۇسى بولسا بىردەملىك ئىش.

    لېكىن قېرىش راستتىنلا شۇنچىلىك قورقۇنچلۇقمۇ؟

    ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ھاياتلىقنىڭ بىر باسقۇچى. يازدىن كېيىن كۈز، كۈزدىن كېيىن قىش، قىشتىن كېيىن ئەتىياز، تۆت پەسىل مانا مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ، گۈلنىڭ سۇلغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلساق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ يەنە قايتا ئېچىلىدۇ، مانا بۇ تەبىئەت قانۇنىيىتى. قېرىش بولسا ھاياتلىق قانۇنىيىتى، ھاياتلىق دەۋرىيلىكى، ھەممەيلەن مۇشۇ باسقۇچنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزىمىز، بۇ جەھەتتە ھەممە ئادەم باراۋەر.

    قېرىغىنىڭىزغا تەن بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، شۇندىلا ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرى ياخشى كەيپىيات ئىچىدە ئۆتىدۇ. بىر لەيلىگەك (بىر كۈنلۈك قۇرتمۇ دەپ قويىدۇ) 24 سائەت ئۆمۈر كۆرىدۇ، چىۋىن بىر ھەپتە ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئىت بەلكىم ئون نەچچە يىل ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن، ئادەم ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر ئەسىردىن ئارتۇق ياشىيالايدۇ، بىر تۈپ دەرەخ بولسا 1000 يىل قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ.

    ھېچكىم ۋاقىتنىڭ قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، يەر شارىدىكى ھەر قانداق بىر ھاياتلىق قېرىيدۇ، ئايرىلىدۇ، بۇ ھاياتلىق قانۇنىيىتىدىن ئاغرىنىشقا بولمايدۇ. گەرچە بىز ئۇنى ئۆزگەرتەلمىسەكمۇ لېكىن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈش ھوقۇقى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قولىدا، كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ قېرىغىنىنى تەن بەرگەنلەرنىڭ ئاخىرقى تۇرمۇشى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ.

    مەيلى قانچىلىك نوپۇزلۇق ئەرباب بولۇڭ ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ياش ۋاقتىمىزدا ئۆيىدىكىلىرىمىز، ئىناۋىتىمىز، مال-دۇنيا، شان-شەرەپ ئۈچۈن ياشىدۇق، لېكىن ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشاپ باقمىدۇق.

    قېرىش ئەمەلىيەتتە بىزگە بېرىلگەن ئىلتىپات، ئەمدى ھېچكىمنىڭ كۆزىگە قارىماي ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر قېتىم ياشاپ بېقىڭ.

    مەيلى ئەر-ئايال، ئاتا-بالا بولسۇن ھاياتلىق كەلگەندە ھەممەيلەن يەككە ھالەتتە مەۋجۇت. شۇڭا بىز يالغۇز قالغاندا ئۆزىمىزگە تەسەللىي بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك، بەلكىم مۇشۇ تىنچىلىق ۋۇجۇدىمىزنى ھەقىقىي خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرۈشى مۇمكىن.

    ئۆلۈمدىن قورقماڭ، بۇ ئەمەلىيەتتە ھاياتلىقنىڭ يەنە بىر باشلىنىش شەكلى. دۇنيادا قېرىمايدىغان مەۋجۇدات يوق، ئۇنىڭ دورىسىمۇ يوق، بۇ قانۇنىيەتنى قوبۇل قىلسىڭىز كۈنلىرىڭىز تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ. بىزنىڭ ھاياتىمىز بالىلىرىمىز ئارقىلىق داۋاملىشىدۇ، بۇ چېكىت ئەمەس، پەشمۇ ئەمەس، چۈنكى ئىسىم-فامىلىمىزنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەش، چېكىت يوق، بۇ ھاياتلىق كالتىكىنى بىر-بىرىمىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندەكلا ئىش، بالىڭىز سىز ئۈچۈن كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرەيدۇ.

    بىز قېرىغان بىلەن بالىلىرىمىز بارا-بارا چوڭ بولىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى ئېلىپ ئوتىمىزنى ئۆچۈرمەيدۇ. ياق، سىز ئۆلمىدىڭىز، بەلكى ھاياتىڭىزنى يەنە بىر خىل شەكىلدە، يەنە بىر خىل ئۇسۇلدا داۋاملاشتۇرىۋاتىسىز.

    ياشلىق قىسقا، ھاياتلىق ئۇزۇن. ئۆتكەن كۈنلىرىڭىزدىن رازى بولۇڭ، مەڭگۈ قېرىمىسام دەپ ئاچكۆزلۈك قىلماڭ، ئەمەلىيەتتە سىزگە بەرگەن مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ، ئەگەر سىزگە شۇ ۋاقىتنى بەرگەن بولسىمۇ يەنىلا شۇنداق ياشىشىڭىز مۇمكىن، بۇنداق ھاياتنىڭ نېمە قىممىتى بولىدۇ؟ شۇڭا قېرىغىنىڭىزغا تەن بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن ياشىغانغا ھېچنېمە يەتمەيدۇ.

    مەنبەسى :sina.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك