• سەمىمىيەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ساختا ئۇچۇرلارنى توسۇش تور سەمىمىيەت تەشەببۇسنامىسى

  • يوللىغۇچى : aynur
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-06 05:52
  • سەمىمىيەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ساختا ئۇچۇرلارنى توسۇش تور سەمىمىيەت تەشەببۇسنامىسى

    بارلىق تور ۋە پۈتۈن جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، زور كۈچ بىلەن تور سەمىمىيەت ئاكتىپ كۈچىنى تارقىتىش، تورنى قانۇن بويىچە قۇرۇشنى پائال بەرپا قىلىش، سەمىمىيلىك بىلەن تور ئىشلىتىشتەك ياخشى تور كەيپىياتىنى پائال يارىتىش، كەڭ تورداشلارنىڭ ئاخبارات ۋاستىسى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك 4-نۆۋەتلىك «تور سەمىمىيەت تەشۋىقات كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بىز بارلىق تور ۋە پۈتۈن جەمئىيەتكە «سەمىمىيەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ساختا ئۇچۇرلارنى توسۇش»نى تەشەببۇس قىلىمىز:

     بىز ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، تور سەمىمىيىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي سەمىمىيەتنى، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. سەمىمىي تور باشقۇرۇشتا ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق-پەزىلەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق تۆۋەن چېكىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئاكتىپ كۈچنى پائال تارقىتىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنى قاتتىق چەكلەپ، توردىكى چاكىنا ئىستىلنى ئۆزلىكىمىزدىن توسۇپ، ساختا ئۇچۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ساغلام تور مۇھىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشىمىز كېرەك.

        بىز جۇڭگو ياخشى تور ئەھلى بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاپ، مەركەزداش چەمبەر ئېڭى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئېڭى، قانۇن بويىچە تورغا چىقىش ئېڭى، مەدەنىي تورغا چىقىش ئېڭى، تېخنىكا ئۆستۈرۈش ئېڭى، تور بىخەتەرلىكى ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، تور مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئورتاق قاتنىشىپ، ئوچۇق تور بوشلۇقىنى ئورتاق قوغدىشىمىز، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك