• رونالدودا پۇل كەم ئەمەس لېكىن ئۇ نېمىشقا خانلىق مادرىدتىن ئايرىلماقچى بولىدۇ؟

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-07 07:56
  • رونالدودا پۇل كەم ئەمەس لېكىن ئۇ نېمىشقا خانلىق مادرىدتىن ئايرىلماقچى بولىدۇ؟

    دۇنيا لوڭقىسى ئاز كۆرۈلىدىغان دەم ئېلىش جەريانىغا قەدەم قويىشىغا ئەگىشىپ، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان گىگانت چولپان كىرىستىيانو رونالدونىڭ خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىپ، يۇۋېنتۇسقا قوشۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ باش بېتىدىن ئورۇن ئالدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ توختامىغا ئائىت ئۇچۇرلارمۇ ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، خانلىق مادرىد بۇ يىل 1-ئايدا كىرىستىيانو رونالدونىڭ توختامىدىكى بىر مىليارد ياۋرولۇق توختام بىكار قىلىش ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، پەقەت ئاساسلىق رەقىبلىرىلا بولمىسا (مەسىلەن بارسېلونا، پارىژ سانت گېرمان)، باشقا كوماندىلارنىڭ 100 مىليون ياۋرو بىلەن ئۇنى قوشۇۋالالايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

    ئەينى ۋاقىتتا كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىپادىسى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ۋاقىت بولۇپ، ئۇنىڭ مۇسابىقە پەسلىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى ئىپادىسى بىر قەدەر ناچار بولغان، 14 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىمۇ ئارانلا تۆت توپ كىرگۈزگەن. بەلكىم خانلىق مادرىد ئاشۇ ۋاقىتتا كىرىستىيانو رونالدونى ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتالمايدۇ دەپ قارىغان بولۇشى، شۇڭا كىرىستىيانو رونالدو قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاشۇ پەيتتە توختامغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇشى مۇمكىن. كۇلۇب نۇقتىسىدىن ئويلىغاندا، توپچىلارنىڭ يۆتكىلىش سودىسىنىڭ كىرىمى كۇلۇبقا نىسبەتەن چوڭ كىرىم ھېسابلىنىدۇ، لېكىن كىرىستىيانو رونالدو ئەينى ۋاقىتتا كوماندىنىڭ تۈۋرىكى ئەمەس، بەلكى «پىشكا»سىغا ئايلانغان.

    لېكىن، كىرىستىيانو رونالدو يەنىلا كىرىستىيانو رونالدو، ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى 13 مەيدان مۇسابىقىدىلا 22 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، يۇۋېنتۇسقا كىرگۈزگەن تەتۈر ئىلمەك توپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىپادىسى بىلەن «شاھنىڭ قايتىشى»نى قايتا كۆرسەتكەن، خانلىق مادرىدمۇ ئۇنىڭ قالتىس ئىپادىسى ئاستىدا ئۇدا ئۈچ قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشتەك شانلىق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. مانا مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ ئىپادىسى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى ئىسپاتلىغان كىرىستىيانو رونالدو مائاش ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇمۇ خانلىق مادرىد يۇقىرى قاتلىمىغا بېرىلگەن پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئىپادىسى ياخشى ئەمەس ۋاقىتتا توختامنى ئۆزگەرتىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، مائاش قوشۇش ئارقىلىق توپچىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق. لېكىن، شۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرلۈك ئەھۋاللار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خانلىق مادرىد يۇقىرى قاتلىمى كىرىستىيانو رونالدونىڭ تەلىپىگە ئىرەن قىلىپ كەتمىگەن.

    كىرىستىيانو رونالدونىڭ ھازىرقى توختامى 2016-يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى يىللىق مائاشى باجدىن كېيىن 20 مىليونلۇق سەۋىيەدە ئىدى، لېكىن يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدىكى زور ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، توپچىلارنىڭ باھاسى ئۆستى، يۇقىرى سەۋىيەلىك توپچىلارنىڭ مائاشىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. نېيمار بىلەن مېسسىمۇ بۇ ئىككى يىل ئىچىدە يېڭى توختام ئىمزالىدى، لېكىن كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئۇدا ئىككى قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېلىشتەك شانلىق نەتىجىسى خانلىق مادرىد يۇقىرى قاتلىمىنىڭ «دىققىتى»نى تارتالمىدى.

    بىر توپچىغا نىسبەتەن ئۇنىڭ مائاشى دەل ئۇنىڭ قىممىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئەڭ چوڭ نۇقتا ھېسابلىنىدۇ، كىرىستىيانو رونالدو يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدىلا ھۆكۈمران دەرىجىسىدىكى ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى، لېكىن كۇلۇب ئۇنىڭ مائاش ئۆستۈرۈش تەلىپىنى قاندۇرمىدى. كىرىستىيانو رونالدوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۇلۇبنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەت قىلماسلىقىغا قارىتا باشقىچە كەيپىياتتا بولۇشمۇ ئەقىلگە سىغىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىرىستىيانو رونالدو سەۋىيەسىدىكى ھەرقانداق ئادەمگە پۇل ئۇنچە مۇھىم ئورۇندا تۇرمايدۇ، چۈنكى ئۇ سىرتتا ئىنتايىن كۆپ ماركىلارغا ئوبراز ۋەكىلى بولغان، ئۇنداقتا ئۇ ھازىر پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىمۇ؟ ياق، ئۇنىڭ مائاش قوشۇشنى تەلەپ قىلىشى، پەقەتلا ئۆزىگە بولغان ھۆرمەتنى ۋە ئېتىراپ قىلىشنى ساقلاپ قالماقچى بولغىنىدا. ئۇنىڭدىن باشقا، 33 ياشقا كىرىپ قالغان توپچىغا نىسبەتەن مائاشى قوشۇشنى تەلەپ قىلىشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.

    يەنە بىر تەرەپتىن، ئەزەلدىن ھەقسىز توپچىلارنى قوشۇشنى ئاساس قىلىدىغان يۇۋېنتۇس ئەمەلىيەتتە ئۆزى ياقتۇرغان ھەمدە كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرالايدىغان توپچىلارغا مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغان بولۇپ، مەسىلەن ئۇلار ھىگۇايىننى 90 مىليون ياۋروغا، بۇففوننى 2001-يىلى 54 مىليون 100 مىڭ ياۋروغا سېتىۋالغان. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇلارنىڭ كىرىستىيانو رونالدوغا قويغان باھاسى يېتەرلىك بولسىلا، كىرىستىيانو رونالدونىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى ئىپادىلەپ بېرەلىسىلا، ئۇنداقتا كىرىستىيانو رونالدونىڭ يۇۋېنتۇسقا كېلىشى %100كە ئايلىنىشى مۇمكىن. تەكىتلەشكە تىگىشلىكى شۇكى، كىرىستىيانو رونالدو 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى رەسمىي ھالدا بېرنابۇ مەيدانىدا نامايەن بولغان بولۇپ، لېكىن ھازىر ئۇنى مۇتلەق ھۆرمەت قىلىۋاتقىنى يۇۋېنتۇس، كىرىستىيانو رونالدو 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە كۈچ چىقىرىپ كەلگەن خانلىق مادرىد ئۇنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىدۇ...

    مەنبەسى :دوڭچىيۇدى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك