• ئورگان تورى: بۇففون پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلدى

  • يوللىغۇچى : akda
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-07 04:43
  • ئورگان تورى: بۇففون پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلدى

    پارىژ سانت گېرمان ئورگان تورى: ئىتالىيەلىك قاپقىچى بۇففون كوماندىغا قوشۇلدى ھەمدە «1+1» توختامى ئىمزالىدى.

    پارىژ سانت گېرماننىڭ ئورگان ئۇقتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە:

    «پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى بۇففوننىڭ كوماندىغا قوشۇلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال، ئۇ جۈمە كۈنى 1+1 توختامى ئىمزالىدى، بىر مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن توختامنى داۋاملاشتۇرۇش-داۋاملاشتۇرماسلىقنى قارار قىلسا بولىدۇ.»

    بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن بۇففوننىڭ كەسپىي ھاياتى شانلىق نەتىجىلەرگە تولغان بولۇپ، ئۇ 2001-يىلى 53 مىليون ياۋرولۇق يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغان ھەمدە يۇۋېنتۇستا 17 يىل توپ تەپكەن.

    بۇ 17 يىل مابەينىدە بۇففون يۇۋېنتۇس بىلەن بىرگە توققۇز قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، تۆت قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، ئالتە قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، ئىككى قېتىم ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياۋروپا بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇۋېنتۇس 2006-يىلى «تېلېفون ۋەقەسى» سەۋەبلىك ئىتالىيە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، ئۇ 2006/2007-يىللىق ئىتالىيە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغىمۇ ئېرىشكەن.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك