• ئالدىراقسانلىقنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى چۈشىنەمسىز؟

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-07 04:30
  • ئالدىراقسانلىقنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى چۈشىنەمسىز؟

    بەزى كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى بىر ئېغىز سۆزگە يەنى ئالدىراقسانلىققا يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئۇلار ھەمىشە پۇرسەتكە، نەتىجىگە، رىقابەتكە... ئالدىرايدۇ، ھەر كۈنى ئالدىراشچىلىق، ئالدىرىتىش، باشقىلار بىلەن بەسلىشىش بىلەن ئۆتىدۇ. ئۇنداقتا ئالدىراقسانلىقنىڭ بەدەنگە بولغان زىيانلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

    بىرىنچىدىن ئۇلار تاماقنى باشقىلاردىن تېز يەيدۇ. بۇ ئاسانلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»دە ئېلان قىلغان ماقالىدە تاماق يېيىش سۈرئىتى بەك تېز كىشىلەرنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى نىسبىتى باشقىلارغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، تاماقنى تېز يېيىش ھەزىمنىڭ ناچارلىشىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماق يېگەندە ئالدىرىماي چايناپ يېسە ئوزۇقلۇق بەدەنگە سۈمۈرۈلىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەينى قوغداپ، ھەزىمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، تاماقنى ھاپىلا-شاپىلا يېگەندە تولۇق چاينالمىغان يېمەكلىكلەر ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ھەزىمنى ناچارلاشتۇرىدۇ.


    ئىككىنچىدىن، سۇنى باشقىلاردىن تېز ئىچىدۇ. بۇنداق بولغاندا يۈرەك تېخىمۇ چارچايدۇ. سۇنى بەك تېز ئىچكەندە، سۇ تەركىبلىرى تېز سۈرئەتتە قانغا كىرىپ، قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، قان مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. يۈرىكى ئاجىزلاردا مەيدە سىقىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەپىسى توختاشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

    ئۈچىنچىدىن، تېز ئاچچىقلىنىدۇ. بالدۇر ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالدىراقسان كىشىلەر ئاسانلا كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئالدىراپ ئاچچىقلىنىدۇ. ئامېرىكا ئىئوۋا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، 20 ياشتىن 40 ياش ئارىلىقىدىكى ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئەرلەرنىڭ 35 يىلدىن كېيىنكى ئۆلۈش ئېھتىماللىقى ئوخشاش ياشتىكى ئېغىر-بېسىق كىشىلەردىن 1.5ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى كىشىلەر ئاچچىقلىغاندا، بۆرەك بەز ھورمۇنى توختىماي ئاجرىلىپ DNAنى زەخمىلەندۈرۈپ، ھاياتقا خەۋىپ پەيدا قىلىدىكەن. ئالدىراقسان كىشىلەر ئاسانلا يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدىكەن. بۆرەك بەز ھورمۇرنىنىڭ تېز كۆپىيىشى سەۋەبلىك قان بېسىم ئۆرلەپ، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىدىكەن. ئالدىراقسان، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغانلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش يوشۇرۇن خەۋىپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

    تۆتىنچىدىن، ئالدىراقسان كىشىلەر دائىم ئورنىدىن چاچراپ قوپىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاسانلا تۆۋەن قان بېسىم، مېڭە سەكتىسىگە گىرىپتار بولىدىكەن. چۈنكى ئادەم ياتقان ھالەتتىن تۇيۇقسىز تۇرغاندا، ئاسانلا ۋاقىتلىق تۆۋەن قان بسىم، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى پەيدا بولىدىكەن. ئەگەر ئەسلىدىنلا يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى بولغانلاردا ھەتتا يۈرەك مۇسكۇلى توسۇلۇش، مېڭە سەكتىسىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك