• ھېنرى كۆز يېشى قىلغان نېيمار بىلەن مارسېلوغا تەسەللى بەردى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-07 04:48
  • ھېنرى كۆز يېشى قىلغان نېيمار بىلەن مارسېلوغا تەسەللى بەردى

    بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 2:00دە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بېلگىيە كوماندىسى 1:2 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى ھەمدە يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويدى. 

    بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، نېيمار باشچىلىقىدىكى بىرازىلىيە توپچىلىرى ئىنتايىن چۈشكۈنلەشكەن بولۇپ، بېلگىيە كوماندىسىنىڭ ياردەمچى ترېنېرى ھېنرى نېيمارنىڭ ئالدىغا بېرىپ قۇچاقلاپ تەسەللى بەردى.

    نېيماردىن باشقا، ھېنرى يەنە كۆز يېشى قىلغان مارسېلوغىمۇ تەسەللى بەردى.

    ھېنرى بېلگىيە كوماندىسى ياپونىيە كوماندىسىنى شاللىغان مۇسابىقىدىمۇ ئەسلىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك توپچى بولۇشتەك سۈپىتىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، مۇسابىقىدىن كېيىن ياپونىيە كوماندىسىنىڭ توپچىسى مايا يوشىدا بىلەن قول ئېلىشىپ تەسەللى بەرگەن ھەمدە چاۋاك چېلىش ئارقىلىق ياپونىيە كوماندىسنىنىڭ ئىپادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك