• 2018دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى «ناھەق دېلو» ئىسپاتلاندى

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-07 04:07
  • 2018دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى «ناھەق دېلو» ئىسپاتلاندى

    2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلىنىپ ئىككى كوماندا تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىرىپ بولدى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا VAR تېخنىكىسى (سىنلىق رېپىر) ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، مارادونانىڭ «تەڭرىنىڭ قولى» دېگەندەك خاتا ھۆكۈملىرىنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن. لېكىن، VAR تېخنىكىسىدەك يۇقىرى تېخنىكىلاردىمۇ يوچۇق مەۋجۇت. يېقىندا، دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى بىر «ناھەق دېلو» ئىسپاتلانغان بولۇپ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بېسىم ئاستىدا باش جاۋابكارنى قوغلىۋەتكەن، لېكىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كوماندا ئاللىبۇرۇن شاللىنىپ كەتتى.

    شۇجاي ۋاقتى 4-ئىيۇل خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى گېرمانىيەلىك رېپىر فېلىكس برىدجنىڭ سېربىيە كوماندىسى بىلەن شۋېتسارىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئادىل بولمىغان ھۆكۈم چىقارغانلىقى ئۈچۈن ياردەمچى رېپىرلىرى بىلەن بىرگە گېرمانىيەگە قايتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

    سېربىيە كوماندىسى بىلەن شۋېتسارىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇسابىقىنىڭ 67-مىنۇتىدا نومۇر پەرقى 1:1 بولۇپ، سېربىيە توپچىسى مىتروۋىچ ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ئىككى نەپەر شۋېتسارىيە توپچىسىنىڭ قىستاپ يىقىتىۋىتىشىگە ئۇچرىغان. شۋېتسارىيە كوماندىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نۇقتا توپ بېرىش ئېغىر كەتمەيدىغان بولۇپ، لېكىن فېلىكس VARغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىشنى تاللىماقتا يوق، مىتروۋىچنىڭ جەينىكى ئارقىلىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئارقىدىن شۋېتسارىيە كوماندىسىمۇ بىر توپ كىرگۈزۈپ 1:2 نەتىجە بىلەن سېربىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان، سېربىيە كوماندىسى مۇشۇنداق ئادىل بولمىغان ھۆكۈم ئىچىدە 16 كۈچلۈككە كىرىش پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالغان.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك