• ئابدۇسالام: NBAتۇنجى مۇسابىقەم خېلى ياخشى بولدى جوۋ چى بۇيەردە قېلىشىمنى ئۈمىد قىلىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-07 04:47
  • ئابدۇسالام: NBAتۇنجى مۇسابىقەم خېلى ياخشى بولدى جوۋ چى بۇيەردە قېلىشىمنى ئۈمىد قىلىدۇ

    جۇڭگولۇق توپچى ئابدۇسالام قەھرىمانلار كوماندىسىغا ۋاكالىتەن يازلىق بىرلەشمىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ NBA يازلىق بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى تەسىراتىنى بىلدۈرگەن.

    مۇسابىقىدىن كېيىنكى تەسىراتى توغرىسىدا: «خېلى ياخشى، مېنىڭچە مۇداپىئەدە تېخىمۇ ياخشى قىلالايتتىم، بەزى توپلارنى يۆتكىدىم، ئۇلارمۇ نومۇر ئالدى.»


    دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىنى تۈگىتىپلا ئامېرىكىغا بېرىپ مۇسابىقىگە چۈشكەنلىكى توغرىسىدا: «خېلى ياخشى، ۋاقىت پەرقى جەھەتتە يەنىلا ئازراق تەسىرگە ئۇچرىدىم، لېكىن بۇ باھانە ئەمەس، بەدەن ھالىتىم يەنىلا ئىنتايىن ياخشى. مەيلى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ياكى يازلىق بىرلەشمىدە بولسۇن، مۇسابىقىنىڭ كۈچ دەرىجىسى ئوخشاشلا ئىنتايىن چوڭ، پەقەت يازلىق بىرلەشمىنىڭ رىتىمى بىر قەدەر ئىتتىك بولۇشى مۇمكىن، مېنىڭچە مەن سەپداشلىرىمغا تېزراق ماسلىشىشىم كېرەك.»

    ئىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى توغرىسىدا: «كۆپچىلىك ئادەتتە مېنى ئابۇ دەپ چاقىرىدۇ، بەزى ترېنېرلار سالام دەپ چاقىرىدۇ.»

    ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن جوۋ چى ۋە دىڭيەن يۈخاڭ بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى توغرىسىدا: «مەن جوۋ چى بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۇ مېنىڭ ياخشى ئوينىشىمنى، بۇ يەردە قېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

    مەنبەسى :تېڭشۈن


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك